新闻详情

ئەڭ ئاخىرقى 24 سائەت ! مەيدانغا چىقىش-چىقالماسلىق پەقەت رونالدونىڭ ئۆزى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك

发表时间:2020-10-27 01:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى تەرجىمىسى: ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس ئۆز مەيدانىدا بارسېلونا بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ، مۇسابىقە بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 04:00 دە باشلىنىدۇ. كىرىستىيانو رونالدونىڭ مېسسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە يېتىشەلىشى مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى توپ مەستانىلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەۋىرىگە ئايلاندى.

ئىتالىيە تاراتقۇسى« تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى» ۋە ئاسمان تەنتەربىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر كىرىستىيانو رونالدو سەيشەنبە كۈنىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسا يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئۆز مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىكەن.

20201027

ئىتالىيە تاراتقۇسى« تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىرىستىيانو رونالدو تۇرۇشلۇق يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن،يوۋىنتۇس كۇلۇبى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، پەقەت كۇلۇب مۇسابىقىدىن 7 كۈن بۇرۇن توپچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى تاپشۇرىدۇ، ئاندىن مۇسابىقىدىن 24 سائەت بۇرۇن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئەڭ ئاخىرقى چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئاللىقاچان كىرىستىيانو رونالدونىڭ ساغلاملىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە تاپشۇرۇپ بولغان، شۇڭا پەقەت كىرىستىيانو رونالدو سەيشەنبە كۈنىدىكى تەكشۈرۈش ھالقىسىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مەنپىي چىقسىلا، كىرىستىيانو رونالدو بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىگە مەيدانغا چىقالايدىكەن.

20201027

مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاخىرقى 24 سائەتتە، كىرىستىيانو رونالدو مېسسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىغا ئۈلگۈرەلەمدۇ يوق، پەقەت ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك. نۆۋەتتە، كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا ئىنتايىن ساغلام بولۇپ، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىدى. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئايرىش مەزگىلىدە، كىرىستىيانو رونالدو چېچىنى كېسىۋېتىپ، بىر غېرىچ چېچىنى چۈشۈرىۋەتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئۆزىنىڭ يېڭى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. سۈرەتكە قۇشۇپ يوللىغان خەتمۇ كىشىنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ ئېنىقلا رونالدونىڭ ئۆزىگە قىلىنغان سۆز، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى كىرىستىيانو رونالدو مۇسابىقىدىن ، بۇ مۇسابىقىگە   چىقىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدۇ.

20201026

كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بىللە تۇرىدىغان جورجىنا رودىرىگىس بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ تۆت بالىسى يۇقۇملىنىپ قالمىغان بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ بىر ئايدىن ئارتۇق ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ، مۇھىمى، كىرىستىيانو رونالدو ئائىلىسىدىكى بىر رايوندا پائالىيەت قىلىدۇ ھەمدە ئۇلار بار رايوندا ئانچە كۆپ ئۇچرىشىش بولمايدۇ. كۆرۈشكەن تەقدىردىمۇ بىر پارچە ئەينەك ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدۇ. كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چېنىقىش ئۆيىدىكى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن جورجىنا بىر ئەينەك ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان جورجىنا   بولسا رونالدونى سۈرەتكە تارتقان بولۇپ، ئىنتايىن بەختلىك.

2020101921122469175.jpg

ئەلۋەتتە بەزى مەستانىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىرىستىيانو رونالدو ياخشى ئارام ئالسىلا بولىدىكەن، بارسېلونانى يېڭىش   ئۈچۈن كىرىستىيانو رونالدو كېرەك ئەمەس ئىكەن. نېمىلا دېگەن بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بارسېلونا كوماندىسى بۇ پەسىل 2 مەيدان ئۇتۇپ، 1 مەيدان تەڭلىشىپ، 2 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 7 نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھالىتىمۇ تازا ياخشى ئەمەس، ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كۇلۇبقا ۋاكالىتەن ئالتە مەيدان مەيدانغا چىقىپ ئاران ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەمچى پاس بەرگەن، ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىدا توپ كىرگۈزەلمىگەن ياكى ياردەمچى پاس بېرەلمىگەن.


سىزنىڭچە يۇۋىنتۇسنىڭ بارسېلونا بىلەن مۇسابىقە ئوينىشى رونالدوغا ئېھتىياجلىقمۇ؟


分享到: