新闻详情

ئۈندىداردا زور يېڭىلىق! سىز كۈتكەن ئىقتىدار ئاخىرى كەلدى

发表时间:2020-10-27 10:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:qq.com

يېقىندا تورداشلار تاپشۇرۇۋالغان بىر قىسىم خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈندىدارنىڭ ئىچكى سىناق نەشىرى يېڭىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم يېڭىلىنىش بولسا ئاۋازلىق ئۇچۇرغا سۈرئەت تاياقچىسى قوشۇلغان.


بۇندىن بۇرۇن، قىسقىراق ئاۋازلىق ئۇچۇرلارنى ئاڭلاش قولايلىق بولسىمۇ، نەچچە ئون سېكۇنتلۇق ئاۋازلىق ئۇچۇرلارنىڭ مەلۇم بۆلىكىنى ئاڭلاش ئۈچۈن چوقۇم باشتىن باشلاپ ئاڭلاشقا توغرا كېلەتتى. بۇ قېتىمقى ئاندرويىد نەشرىدىكى ئۈندىدارنىڭ ئىچكى سىناق سۈرىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈندىدارنىڭ يېڭى نەشرىگە سۈرئەت تاياقچىسى قوشۇلغان بولۇپ، ئاڭلىماقچى بولغان خالىغان بىر بۆلەك ئاۋازلىق ئۇچۇرنى تاللاپ ئاڭلاشقا بولىدىكەن.

ۋاھالەنكى، بەختنىڭ كېلىشى ناھايىتى تۇيۇقسىز بولغىنىدەك، كېتىشىمۇ ناھايىتى تېز بولغان. ئۈندىدار ئورگان تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلىپ، «بۇنداق ئىش يوق» دېگەن.

بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈندىدار دىيالوگ رامكىسى ئىچىدە ئاۋازلىق ئۇچۇر سۈرئەت تەڭشىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئۇزاق بېسىپ تۇرغاندا، كۆپۈكچە ۋە سۈرئەت تاياقچىسى پەيدا بولۇپ، تاياقچىنى يۆتكەش ئارقىلىق خالىغان بۆلەكتىكى ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئاڭلىغىلى بولىدىكەن. بىراق تېڭشۈندىكى بىر ئىچكى خادىم بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۈندىدار ئاندرويىد ئىچكى سىناق نۇسخىسىدىكى يەنە بىر يېڭىلىنىش بولسا، ئاندرويىد تاختا كومپيۇتېر نەشرى بىلەن يانفون نەشرىدە بىرلا ۋاقىتتا تورغا چىققىلى بولىدىغان بولغان. بۇندىن بۇرۇن، ئۈندىدار ئاندرويىد تاختا كومپيۇتېر نەشرى ۋە يانفون نەشرى دەپ ئايرىلمايدىغان بولۇپ، ئىككى خىل ئۈسكۈنىدە بىرلا ۋاقىتتا تورغا چىققىلى بولمايتتى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر چوڭ يېڭىلىنىش بولسا، ئۈندىدار ئاندرويىد يېڭى نەشرىگە ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى قوشۇلغان. بۇندىن بۇرۇن iOS نەشرىدىكى ئۈندىدارغا ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى ئاللىقاچان قوشۇلغان، بۇ قېتىم نۆۋەت ئاندرويىد نەشرىگە كەلگەن بولۇپ، تەڭشەك ئىچىدىنلا ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسىنى ئاچقىلى بولىدىكەن. بۇ خىل ئەندىزە ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۈندىدارنىڭ يېنىدا بىر كىچىك كۈنلۈكنىڭ سۈرىتى پەيدا بولىدىكەن.

ياش ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى ئېچىلغاندا «كۆرۈپ بېقىش»، «ئويۇن»، «ئەتراپتىكىلەر» ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.

يېڭىدىن قوشۇلغان ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىدار بولسا پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى كۆرسەتمەسلىك بولۇپ، دىيالوگ رامكىسىنى ئۇزاق بېسىپ تۇرغاندا، باشقىلار بىلەن بولغان پاراڭ خاتىرىسىنى كۆرۈنمەيدىغان قىلغىلى بولىدىكەن، بىراق بۇ پاراڭ خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىش بولماستىن، كۆرۈنمەس قىلىپ قويغان قويغان ئۇچۇرلار يەنىلا ساقلىنىپ تۇرىدىكەن.


分享到: