新闻详情

بارسېلونا ئەرز سۇندى، بارتومېئۇ ئەتە ئىستېپا بېرىشى مۇمكىن

发表时间:2020-10-27 11:00作者:爱酷艺来源:腾讯


بارسېلونا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىدا ساھىبخان مەيداندا 3:1 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ مۇسابىقىدىكى VARنىڭ بارسېلونا بېكى لېڭلېتنى راموسنى يىقىتىۋەتتى دەپ نۇقتا توپ ھۆكۈمى چىقارغانلىقى بارسېلونا تەرەپنى ئىنتايىن نارازى قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارسېلونا توپچىلىرى بۇ ھۆكۈمدىن ئىنتايىن نارازى بولغان بولۇپ، باش ترېنېر كومانمۇ باش رېپىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ پىكىرلەشكەن، شۇنداقلا مۇسابىقىدىن كېيىنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا VARنىڭ بارسېلوناغا پايدىسىز ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنغان.

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارسېلونا بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ئەرز سۇنغان بولۇپ، بارسېلونا رەئىسى بارتومېئۇمۇ ئەتە خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى خادىملىرىمۇ بىرلىكتە «تەخىت»تىن چۈشىدىكەن.


分享到: