新闻详情

شىنجاڭ كوماندىسى ئۇنى قويۇپ بەرگىنىگە پۇشايمان قىلامدۇ؟

发表时间:2020-10-27 11:01作者:爱酷艺网来源:腾讯网

گەرچە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە بەلگىلىك پەرق بولسىمۇ، بىراق تۇڭشى شىنجاڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىگىچە تىركىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 94-116 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. شىرئەلىجان كونا كوماندىسى ئالدىدا 22 نومۇر ئېلىش، سەككىز ياردەمچى پاس بېرىش، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك نەتىجە بىلەن، رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇردى. مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا يەنە ئىككى مىنۇت 41 سېكۇنت قالغاندا، شىرئەلىجان تۆۋەن سىزىقتىن بۆسۈپ كىرىپ توپنى ئېلىپ سۈن سىياۋغا پاس بەردى، ئۇ توپنى ناھايىتى ئوڭايلا ئېتىپ چۈشۈردى.


بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن، شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئاتتى، بىراق توپنى كۈچەپراق ئېتىۋەتكەچكە، توپ قاڭقىپ چىقىپ كەتتى. بىر مەيدان ئېلىشىشتا شىرئەلىجان ئازراق چارچىغان ئىدى.

كونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىش شىرئەلىجانغا نىسبەتەن ناتونۇش ئەمەس، ئۇ 2018-2019 مۇسابىقە پەسلىدە گۇاڭجوۋغا بېرىپ، ساھىبخان مەيداندا شىنجاڭ بىلەن ئوينىدى، شۇ چاغدا ئۇ كونا سەپداشلىرىغا: «مەن بولمىسام، سىلەر پەقەت ئاجىز كوماندىلارنىلا يېڭەلەيسىلەر!» دېگەن ئىدى.


كېيىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىرئەلىجان كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا چېكىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كونا كوماندىسىدىن مىھرىنى ئۆزەلمىگەن ئىدى.


ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە شىرئەلىجان ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، كوماندىنىڭ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشىگە كۈچ چىقارغان. بىراق مائاش قالپىقى مەسىلىسى سەۋەبىدىن شىرئەلىجان، قىرانبېك، يۈ چاڭدۇڭ، فەن زىمىڭ قاتارلىق پىشقەدەملەر بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئارقا ـ ئارقىدىن شىنجاڭدىن ئايرىلدى، شىرئەلىجان تۇڭشىغا قوشۇلدى.


بۇ مەيدان شىنجاڭ بىلەن مۇسابىقىدىن بۇرۇن، شىرئەلىجان چاقچاق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن 10نى كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن چىرايىدا ئەينى ۋاقىتتا گۇاڭجوۋدىكى چاغدىكىگە ئوخشاش ئاچچىق ئەكىس ئەتمەستىن، ئەكسىچە يېنىكلەپ قالغانلىق چىقىپ تۇراتتى.


مۇسابىقە باشلانغاندا، شىرئەلىجان باشلامچى بولۇپ، تاشقى لىنىيەدە كەينى ـ كەينىدىن توپ ئاتتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئۇنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپى 14 بولۇپ، بەش توپ چۈشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە سەپداشلىرىغا ئۆزلۈكسىز ياخشى پاس بەردى. تۆتىنچى چارەكتە، توڭشى بىر مەھەل نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىپ يەتتە نومۇرغا چۈشۈرۈپ، شىنجاڭ كوماندىسىدىكىدىلەرنى سەل تەمتىرىتىپ قويدى. مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا يەنە 15 سېكۇنت قالغاندا، شىرئەلىجان سول تەرەپ 45 گىرادۇستا يەنە بىر قېتىم توپ ئاتتى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ تولۇق ئىشەنچى بار بولۇپ، توپ چۈشتى! توپ كىرگۈزگەن شىرئەلىجان ھاياجانلانغان ھالدا ئىككى قولىنى ئۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىدى.


مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىرئەلىجان جوۋچى، زېڭ لىڭشۈ قاتارلىق پېشقەدەم سەپداشلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلاشتى، ئۇ يەنە بىر قېتىم كونا«ئائىلە» سىگە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلاپ بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە تېخىمۇ پىشقان شىرئەلىجاننى كۆرسىتىپ قويدى.


分享到: