新闻详情

تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىغان بەش چوڭ ئامىل

发表时间:2020-10-27 11:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:تور دۇنياسى


قىزلار تېرىسىگە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېرە قېرىيدۇ. تۆۋەندىكى بەش چوڭ ئامىل تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
1. قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر
ئۇلترا بىنەپشە نۇر ھەقىقىي تېرە قەۋىتىدىكى ئېلاستىك تالالارنى زەخىملەندۈرۈپ، تېرىنى ساڭگىلىتىپ، قورۇق پەيدا قىلىدۇ.
2. تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش
تېرىنىڭ زىيادە ئوكسىدلىنىشىنى تېزلىتىپ، نۇرغۇن داغلارنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق
ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆز ئەتراپى قارىداش ۋە رەڭلىك داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن بولىدۇ.
4. يېمەك-ئىچمەك ساغلام بولماسلىق
دائىم ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ياكى ماي تەركىبى يۇقىرى، قەنت تەركىبى يۇقىرى قورۇمىلارنى يېگەندە، تېرە قان تومۇرلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە توشۇش ماشىنىسى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
5. سۇ تەركىبىنى تولۇقلاش يېتەرلىك ئەمەس.
ئىچىملىك سۇ يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تېرىنىڭ مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرى ۋە بەزى پېگمېنتلارنىڭ چۆكۈشىمۇ تەبىئىي ھالدا ياخشى بولماي، تېرە ئاسانلا قورۇق پەيدا قىلىپ، ئاسان قېرىيدۇ.


分享到: