新闻详情

دىيابېت كېسەللىرى ياڭاق يېيىشكە بولامدۇ؟

发表时间:2020-10-27 11:04作者:ئەلكۈيى تورى来源:تور دۇنياسى

ھازىرقى زامان تېببىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ياڭاق تەركىبىدىكى فوسفولىدلار (磷脂) مېڭە نېرۋىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشتا ئالاھىدە رول ئوينايدىكەن. ياڭاق مېغىزىدا مول ئاقسىل، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ۋىتامىن A، ۋىتامىن E ۋە كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور، سىنىك، خىروم، مانگان ۋە باشقا مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، بۇ مىكرو ئېلېمېنتلار قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەك، مېڭە-قان تومۇرلىرىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر كۈنىگە بىر نەچچە تال ياڭاق يېگەندە، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى ياخشىلاپ، 2-تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. يېڭى تەتقىقاتتا، يالى داشۆسى گىرىففىن ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دوكتور داۋىد كاتىز ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يوقىرى 25 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 112 نەپەر (31 ئەر ۋە 81 ئايال) ئادەم ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار ئالدى بىلەن ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، بىر گۇرۇپپا يېمەك-ئىچمەك كونترول قىلىش يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلغان، يەنە بىر گۇرۇپپا يېمەكلىكنىڭ ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئۆزگەرتمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر گۇرۇپپا قاتناشقۇچىلار كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىگە 50 گىرام ياڭاق قوشقان، يەنە بىر گۇرۇپپا ياڭاق قوشمىغان. كۆزىتىش مۇددىتى ئالتە ئاي داۋاملاشقان.

ئۇنىڭدىن كېيىن، تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار 12 ھەپتە ئارام ئالغان، ئاندىن ئىككى گۇرۇپپىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئالماشتۇرۇلغان. تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى، بەدەن ئۆلچەم كۆرسەتكۈچى (BMl)، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى، بەل ئايلانمىسى، قان بېسىم، خولېستېرىن ۋە قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆلچەپ، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ قان تومۇر ئىقتىدارىنى باھالىغان. تەتقىقاتتا يەنە ياش پەرقى، چېنىقىش سەۋىيىسى، ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى قاتارلىق ئامىللار ئويلىشىلغان.

تەتقىقات نەتىجىسىدىن، يېمەكلىككە ياڭاق قوشقاندا 2-تىپلىق دىيابېت خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى بايقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ياڭاق يېمەكلىكى قان-تومۇر ئىچكى ھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ، شۇنداقلا ئومۇمىي خولېستېرىن ۋە ناچار خولېستېرىن (LDL) سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ ئىككى نۇقتا يەنە دىيابېتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، ياڭاق ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بولۇپ، دائىم يېيىش ماينىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دىيابېت كېسىلى بەدەندىكى گلۇكوزىنىڭ مېتابولىزمىنىڭ بىنورماللىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىنورمال گلۇكوزا مېتابولىزمى دائىم ياغنىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ياغنىڭ مېتابولىزمى ياخشى بولمىسا، ئۇ گلۇكوزا مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ئۆز-ئار تەسىر قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ياڭاقنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك. بىز چوقۇم ياڭاق يېگەندىكى مىقدارغا دىققەت قىلىپ، ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك.

ياڭاققا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر

ئىسسىقلىق مىقدارى: ھەر 100 گرامدا 627 كىلوكالورىيە

ئىستېمال: كۈنىگە 20 گرام مۇۋاپىق (كۈنىگە 1 ~ 2 تال)

ياڭاقنى دائىم يېيىش ئادەم بەدىنىدىكى «پايدىسىز» خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە 2-تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى ئازراق ياڭاق يېگەندە، قاندىكى ياغنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ياللۇغنى ئازايتىپ، قان تومۇر ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن.


分享到: