新闻详情

سەنيادىكى بارلىق ساياھەت رايونلىرى ۋاقتىنچە تىجارەتنى توختاتتى

发表时间:2020-10-27 11:54作者:爱酷艺网来源:网易


ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنىڭ ھاۋا رايىنىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ھاۋا كىلىماتى بىرقەدەر ئىللىق بولغان بەزى رايونلارمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى، شۇڭا ھەرقايسى رايونلاردىكى دوستلار ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى، كىيىم-كېچەكلەرنى مۇۋاپىق سېلىپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، چۈنكى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى تېخى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشقىنى يوق، ئەگەر سوغۇق تېگىپ زۇكام بولۇپ قالسا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، روشەنكى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋېروسىغا   تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت بولمايدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.


خەينەن سەنيا شەھىرى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۇ كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ، سەنيادىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە سەنيا فۇجىجۇ ئارىلى ساياھەت رايونى، غەربىي ئارال دېڭىز-ئوكيان مەدەنىيەت ساياھەت رايونى، چوڭ دۇڭخەي ساياھەت رايونى، يالۇڭۋەن دېڭىز ئاستى دۇنياسى ۋە تيەنيا دېڭىز تۇمشۇقى ساياھەت رايونى دېڭىز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بار.


كۆپچىلىك بەلكىم مۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ھەمدە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە تەيفېڭ بورىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى، بۇ يىلقى 17-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى22-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن كۈچلۈك تروپىك بەلۋاغ بورىنى دەرىجىسىدىن تەيفېڭ بورىنى دەرىجىسىگە كۈچىيىپ، شامال كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 13 بالغا يەتتى.


سەنيا ساياھەت شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەر شۇ يەرگە ئوينىغىلى بارىدۇ، ساياھەت جەريانىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەيفېڭ بورىنىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى نۆۋەتتە سەنيادىكى ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرى يۈكسەك دەرىجىدە« ھوشيار» بولۇشى ۋە ئەتراپتىكى سەنيادىكى دوستلارغا بۇ ئۇچۇرنى بىلدۈرىشى كېرەك.


جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ تەيفېڭ بورىنى تېز خەۋىرى، كۆپچىلىك « سادىر» نىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنەلەيدۇ.


كۆپچىلىك تەيفېڭ بورىنى چىققاندا ئامال بار سىرتقا چىقىشنى ئازايتىش، ئۆي ئەسلىھەلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېرىزىلەرنى تاقاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ساياھەت قىلىش جەريانىدا تەيفېڭ بورىنىغا ئۇچرىسا، كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئەمما بىخەتەرلىك يەنىلا ئەڭ مۇھىم!


分享到: