新闻详情

يانفوننى بۇ تۆت خىل نەرسە بىلەن بىللە قويۇشقا بولمايدۇ!

发表时间:2020-10-27 12:22作者:alkuyi.com来源:qq.com

يانفون ھازىر بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنى چوقۇم ياخشى قوغداش كېرەك، شۇڭا يانفوننى بۇ بىر نەچچە خىل نەرسە بىلەن بىللە قويۇشقا بولمايدۇ،

1. يانفون بىلەن ئاچقۇچنى ھەرگىز بىللە قويماسلىق

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يانفون بىلەن ئاچقۇچنى بىر يانچۇققا سېلىۋالىدۇ، ئاچقۇچ بىر قەدەر قاتتىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچقۇچنىڭ يەنە ھەر خىل ئۆتكۈر ھەرە چىشلىرى بار، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت يانفون بىلەن بىرگە قويۇلسا، ئۇنداقتا يانفون سۈرۈلۈپ كېتىدۇ، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن سوقۇلۇپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، يانفون ئېكرانىدا يېرىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئامال بار ئاچقۇچ بىلەن يانفون ۋە قاتتىق نەرسىلەرنى بىر يەرگە قويماسلىق كېرەك.

2. يانفون بىلەن بانكا كارتىسىنى بىللە قويماسلىق

كۆپچىلىككە مەلۇم، يانفوننىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇسى ناھايىتى كۈچلۈك ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئەگەر يانفون بىلەن بانكا كارتىسى يېقىن ئارىلىقتا ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشسا، بانكا كارتىسىنىڭ ماگنىتىنى يوقىتىۋېتىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە پەقەت بانكا كارتىسىلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ماگنىت يوللۇق كارتىلارمۇ بار، ئۇزۇن ۋاقىت يانفون بىلەن بىللە قويۇش تەۋسىيە قېلىنمايدۇ، ئامال بار ئۇلارنى بىللە قويماسلىقىمىز، ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

3. يانفون قېپىنىڭ كەينىگە پۇل قىستۇرماسلىق

ھازىر يانفوندا ھەق تۆلەش ئىنتايىن قولايلىق، كۆپ قىسىم كىشىلەر پۇل قاپچۇقىنى ئېلىپ سىرتقا چىقمايدۇ، ئەمما بەزى كىشىلەردە يانفون قېپىغا نەق پۇل سېلىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك بىخەتەرلىكىگە مەسىلىسىگە سەل قاراۋاتىدۇ. نېمىشقا يانفون قېپىغا پۇل قىستۇرۇۋالسا بولمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر تۆۋەندىكىچە:

1-نۇقتا: يانفوننىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

نەق پۇل بەلگىلىك قېلىنلىقتا بولىدۇ، ئۇنى ئۇزۇن ۋاقىت يانفون قېپىغا قىسىۋالغاندا، يانفوننىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا تەسىر يېتىپ، يانفون بارغانسېرى قىزىپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاستا-ئاستا يانفوننىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىگە تەسىر يېتىدۇ.

2-نۇقتا: مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى

بۇنىڭغا ئوخشاش نەق پۇلنى ئاشكارا قويسا، يەنە كېلىپ يانفوندا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، ئاسانلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىدۇ، ئەگەر ئوغرى ئوغرىلاپ كەتسە، نەق پۇل زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، يانفونمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ، زىياننى تۆلىگىلى بولمايدۇ.

4. خانىم-قىزلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزدىغىنىمىز شۇكى، يانفون بىلەن لەۋ سۇرۇخنى بىللە قويماسلىق كىرەك

بەلكىم كۆپچىلىك ھەيران قېلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە لەۋ سۇرۇخنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر كىچىك ماگنىت بار، لەۋ سۇرۇخ بىلەن يانفوننى بىللە قويساق يانفون سىگنالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ نۇقتىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، شۇڭا كۆپچىلىككە يانفون بىلەن لەۋ سۇرۇخنى بىللە قويۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.


分享到: