新闻详情

تۇرمۇشتا ئۇچ ئىش جىگەرگە ئەڭ زىيانلىق

发表时间:2020-10-27 12:22作者:alkuyi.com来源:alkuyi.com

ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچىپ، تۈنەپ ياكى دائىم جىگەرنى زەخىملەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، جىگەر كېسىلىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ، بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغىنى ئىسپىرتلىق ياغلىق جىگەر، جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر ياللۇغى، ھەتتا جىگەر راكى. تۇرمۇشتا ئۈچ ئىش جىگەرگە ئەڭ زىيانلىق.
1. ھاراق ئىچىش
بۇ جىگەر ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىپ،
ئىسپىرتلىق ياغلىق جىگەر ياكى جىگەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تۈنەش
تۈنەش ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇلار ئاخشىمى تۈنەپ ئويۇن ئوينايدۇ ياكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، بۇ قىلمىشلار جىگەرنىڭ زەھەر ھەيدەش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەر
ماي، گۈرۈچ ياكى باشقا يېمەكلىكلەر كۆكىرىپ قالغاندىن كېيىن راك پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ كۆكىرىپ قالغان يەر ياڭىقى (خاسىڭ)، ئىسلانغان گۆش قاتارلىقلارنى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىش كېرەك.
جىگەرنى ئاسىراش ئۇچۇن ئادەتتە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، چېنىقىشقا دىققەت قىلىش، ۋاقتىدا ئارام ئېلىش، بالدۇر ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان، زەھەرنى تازىلايدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.


分享到: