新闻详情

نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم ئالما يانفونلىرىنى ئۆچۈرۈپ زەرەتلىگىلى بولمايدۇ؟

发表时间:2020-10-27 12:24作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ئېلىمىز نەشرىدىكى ئالما يانفونلىرىنى iPhone 8 دىن بۇرۇن ئۆچۈك ھالەتتە زەرەتلىگىلى بولاتتى، بىراق iPhone 8 ھەمدە كېيىنكى نۇسخىلىرىدىن باشلاپ ئۆچۈك ھالەتتە زەرەتلىگىلى بولمايدىغان بولدى. ئەگەر زەرەتلەش جەريانىدا يانفون مەجبۇرىي ئۆچۈرۋەتسە، يانفوندا زەرەتلىنىۋاتقانلىق بەلگە سۈرىتى كۆرۈنمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا يانفوننىڭ زەرەتلەنگەن ياكى زەرەتلەنمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئېلىمىز نەشرىدىكى ئالما يانفونلىرىدىن باشقا، كۆپ ساندىكى جۇڭگو شياڭگاڭ ۋە ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى ئالما يانفونلىرىنى ئىزچىل ئۆچۈك ھالەتتە زەرەتلىگىلى بولمايدىغان بولۇپ، ھەتتا يانفوننىڭ توكى تۈگەپ ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ قالغان ھالەتتىمۇ، زەرەتلىگۈچنى چاتقاندىن كېيىنلا ئاپتوماتىك ئېچىلىپ كېتىدۇ.

بىر قەدەر بۇرۇن يانفون ئىشلەتكەن نۇرغۇن توداشلارنىڭ يانفوننى ئۆچۈرۈپ زەرەتلەش ئادىتى بار، چۈنكى بۇرۇنقى يانفونلارنىڭ زەرەتلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، ئادەتتە بەش ئالتە سائەتتە زەرەتلىنىپ بولاتتى. شۇڭا كۆپچىلىك ئۇخلىغان چاغدا يانفونىنى زەرەتلەيتتى ھەمدە زەرەتلەش جەريانىدا ھادىسە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يانفوننى تاقىۋېتىپ زەرەتلەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى يانفونلارنىڭ ئىقتىدارى ئاز، تېلېفون ۋە قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارىدىن باشقا ھەتتا تورغىمۇ چىققىلىمۇ بولمايتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يانفوننى تاقىۋېتەتتى ھەمدە زەرەتلەپ قوياتتى.

بىراق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرىدە، يانفون بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتى زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، تېلېفونلىشىش، قىسقا ئۇچۇرلىشىشتىن باشقا، كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن ئۈندىدار ئاللىقاچان قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاقە ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار يەنە تورغا چىقىش، كۆڭۈل ئېچىش، كىنو كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاشتەك نۇرغۇن ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتىش ۋاقتى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر يانفوننى بىر تەرەپتىن زەرەتلىگەچ بىر تەرەپتىن ئىشلىتىۋېرىدۇ. ئالما بەلكىم بەرىبىر كىشىلەر يانفوننى زەرەتلەش جەريانىدىمۇ ئىشلىتىدۇ دەپ، يانفونغا ئۆچۈك ھالەتتە زەرەتلەش ئىقتىدارى قوشۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ لاھىيەلىمىگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا زەرەتلىگۈچنى چاتقاندىن كېيىنلا يانفون ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.

يەنە بىر خىل قاراش بولسا، ئالما يانفونلىرى iPhone 8 دىن باشلاپ USB PD تېز زەرەتلەش ئىقتىدارىنى قوللاشنى كۈچەيتكەن، تېز زەرەتلەش ئىقتىدارى يانفون سىستېمىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پەقەت يانفون ئوچۇق ھالەتتە بولسا ئاندىن 18W لىق تېز زەرەتلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا iPhone 8 دىن باشلاپ، مەيلى ئېلىمىز نەشرىدىكى ياكى چەتئەل نەشرىدىكى بولسۇن، بارلىق ئايفونلارنى چوقۇم ئوچۇق ھالەتتە بولسا ئاندىن زەرەتلىگىلى بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئابۇنتلارنىڭ ئالما يانفونى 24 سائەت ئوچۇق بولۇپ، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر يانفوننى سېتىۋالغاندىن تارتىپ تاكى ئالماشتۇرغىچە بىر قېتىممۇ ئۆچۈرۈپ باقمايدۇ، تاسادىپىي مەسىلىگە يولۇققاندا سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ قويىدۇ خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار 7×24 سائەت توختىماي ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۇدا نەچچە يىل ئۆچۈرمىسىمۇ ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

نۇرغۇن تورداشلار بەلكىم يانفوننى ئۆچۈرۈپ زەرەتلىگەندە، باتارېيە زەرەت قويۇپ بەرمەيدۇ، شۇڭا ئۆچۈرۈپ زەرەتلىگەندە باتارېيەنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىراق ئەمەلىيەتتە iPhone نى توكقا چاتقاندىن كېيىنلا، باتارېيە ئۈزۈك ھالەتكە ئۆتۈپ، يانفون ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق توكنى زەرەتلىگۈچ تەمىنلەيدۇ. شۇڭا ئوچۇق ھالەتتە زەرەتلەش ياكى ئۆچۈك ھالەتتە زەرەتلەش يانفوننىڭ ئۆمرىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

بىراق يانفون ئوچۇق زەرەتلەش جەريانىدا، ئەگەر ئويۇن ئوينىسا ياكى سۈرەتكە تارتسا، ئارتۇقچە ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇپ، باتارېيەنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئالما يانفونلىرىنى زەرەتلەش جەريانىدا، ئەڭ ياخشىسى توك سەرپىياتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەپ ۋە ئويۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.


分享到: