新闻详情

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ياۋروپانىڭ ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشىغا رەسمىي ھوقۇق بەردى

发表时间:2020-10-27 12:26作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى 26-ئۆكتەبىر ماجىرا ھەل قىلىش ئورگىنى يىغىنى ئېچىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ئۈچ مىليارد 990 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتمىگەن تاۋار ۋە مۇلازىمىتىدىن قوشلاپ باج ئېلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بوئىن شىركىتىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما بېرىشىدىن ئۆچ ئېلىشىغا رەسمىي ھوقۇق بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى يىغىندا بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئەگەر داۋاملىق ئۆزئارا ئۆچ ئېلىشسا، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن چوڭ تىپتىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانلىرى تولۇقلىمىسى ماجىراسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ھەل قىلىش لايىھەسى ھاسىل قىلىشقا ئىرادىسى بارلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى ئىنكاس قايتۇرۇپ دېيىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى مۇساپىگە قاتنىشىپ، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە كەسپى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشنى تۈزىتىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىغا باراۋەر رىقابەت مۇھىتى تەمىنلەيدىكەن.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى خەلق ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانلىرىغا تولۇقلىما بېرىشدىكى سودا ئۆچ ئېلىش سەۋىيەسى كېسىم دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كېسىم نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قەرەلىدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماي، داۋاملىق بوئىن شىركىتىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما بەرگەنلىكتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر يىلى ئۈچ مىليارد 990 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتتىن قوشلاپ تاموژنا بېجى ئېلىش قاتارلىق سودا ئۆچ ئېلىش تەدبىرى يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەن.

بۇلتۇر 10-ئايدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى Airbus شىركىتىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما بەرگەنلىكتىن، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان يەتتە مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋار ۋە مۇلازىمەتلىرىدىن قوشلاپ تاموژنا بېجى ئېلىش قاتارلىق ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشىغا ھوقۇق بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئاۋىياتسىيە تولۇقلىمىسى ماجىراسى ئۇزۇندىن بار ئىدى. 2004-يىلى ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرخىل شەكىلدە Airbus شىركىتىگە قانۇنسىز تولۇقلىما بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ كېيىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بوئىن شىركىتىگە قانۇنسىز تولۇقلىما بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.


分享到: