新闻详情

دائىم زۇكام بولىدىغانلار قانداق يېمەكلىك يېسە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؟

发表时间:2020-10-27 12:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

دائىم زۇكام بولۇپ قالىدىغان كىشىلەرنى جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئۆپكىنىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ. ئۆپكە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمىسا، كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى شامال ۋە سوغۇق ھۇجۇملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي زۇكام بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەيمىز.

ئوزۇقلۇق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، دائىم زۇكام بولۇپ قالىدىغان كىشىلەر ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى يېيىش كېرەك؟ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاقسىل، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، سىنك ۋە سېلېن تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم.

  1. ئاقسىل مول يۇقىرى سۈپەتلىك يېمەكلىكلەر

يوقۇرى سۈپەتلىك ئاقسىلنى تولۇقلاش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا، بەزى يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىللارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە زور ياردىمى بولىدۇ، مەسىلەن: تۇخۇم، سۈت، توخۇ، بېلىق، پۇرچاق ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

2. تەركىبىدە ۋىتامىن A مول يېمەكلىكلەر

ۋىتامىن A ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ۋىتامىن A تولۇقلاش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى ، تۇخۇم سېرىقى ۋە سېرىق رەڭلىك مېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3. تەركىبىدە ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەر

ئۇ دانچە ھۈجەيرىنىڭ خىمىيەلىك ئوكسىدلىنىش ۋە شەكىل ئۆزگىرىشىنى كۈچەيتىپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدۇ. شۇڭلاشقا، ۋىتامىن C مۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا زور ياردەم بېرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر لىموننى كۆپرەك ئىچىش كېرەك دەيدۇ. ئادەتتە ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسەك بولىدۇ، مەسىلەن: مايمۇن شاپتۇلى، يېڭى چىلان، بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىن، يېشىل كۆكتات ۋە مېۋە قاتارلىقلار .

4. سىنىك مول يېمەكلىكلەر

ئۇ ئىممۇنىتېتقا ئەڭ كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلىدىغان مىكرو ئېلېمېنتى. ئۇ تۆش بېزى ۋە لىمفا تۈگۈنى قاتارلىق ئىممۇنىتېت ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە بەزى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارغا قارشى بىۋاسىتە كۈرەش قىلىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ سىنىك كەملىك نىسبىتى %50كە يېتىدۇ، شۇڭا سىنىكنى يېمەكلىك بىلەن تولۇقلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىك، يەر ياڭىقى، كىچىك گۈرۈچ، تۇرۇپ، يېسىۋىلەك، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى، بېلىق، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىق سىنىك مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

5. سېلېن مول يېمەكلىكلەر

سېلېن يەنە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئۇ بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى يوقىتالايدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدۇ ۋە ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلەيدۇ. سىز تەركىبىدە سېلېن مول يەر ياڭىقى، گۈرۈچ، گۈمبىمەدەك، قارا پۇرچاق، بىنەپشە بەرەڭگە قاتارلىقلارنى يېسىڭىز سېلېن ماددىسىنى تولۇقلىيالايسىز.


ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن باشقا، يەنە يېتەرلىك ئۇخلاشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، مۇۋاپىق چېنىقىش، دائىملىق يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولۇش ئىممۇنىتېتنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئەگەر ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا، دەم ئېلىش تەرتىپسىز بولسا، ئىممۇنىتېتنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


分享到: