新闻详情

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئابۇنتلار ھوقۇقىغا چېقىلغان 131 ئەپنى ئېلان قىلدى

发表时间:2020-10-27 12:51作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: 10ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئابۇنىتلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قىلمىشى توغرىسىدىكى APP ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ( 2020 ـ يىلى 5 ـ تۈركۈم ) نى ئېلان قىلدى، تېز تاكسى توسۇش، يىچې، يۇڭئەن سەپىرى، تومۇر سوقۇش، بەيگو، ئېسىل بۇيۇم دۇكىنى قاتارلىق APP لار تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا 3-تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ، يان تېلېفۇن ئەمەلىي يۇمشاق دېتاللىرىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلە ساقلانغان كارخانىلارنىڭ تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، 131 خىل App نى ئۆزگەرتىش تاماملانمىدى، يۇقىرىدا ئېيتىلغان APP لار 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، كىرگۈزگۈچ تۈرى، ساياھەت، سەپەرگە چىقىش تۈرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرى، ئۈن-سىن تۈرى قاتارلىق App نى تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ، قىسمەن قوللىنىشچان ماگىزىن ۋە كۆچمە قوللىنىش، تارقىتىش سۇپىسىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى كەمچىل، SDK كارخانىلىرىدا ئابۇنىچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توپلاش قىلمىشى مەۋجۇت.

كېيىنكى قەدەمدە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مەسىلىسى گەۋدىلىك، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان، ئۈزۈل ـ كېسىل تۈزەتمىگەن ئالاقىدار كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قوبۇل قىلىشنى توختىتىش، مەمۇرىي جازا بېرىش ھەمدە تېلېگراف كەسپى تىجارىتىدىكى ناچار تىزىملىك ياكى لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

تۆۋەندىكىسى 131 تارماق بولۇپ، ئۆزگەرتىش تاماملانمىغان APP تىزىملىكى:

以下为131款未完成整改的App名单:

来源 工信部网站


分享到: