新闻详情

تۇرمۇشنى بارغانسېىرى ياخشىلايدىغان تۆت تۈرلۈك ئادەت

发表时间:2020-10-27 13:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:تور دۇنياسى

جوبىس مۇنداق دېگەن: «ھاياتىڭىزنىڭ ئالدىنقى 30 يىلىدا يېتىلدۈرگەن ئادەتلىرىڭىز كېيىنكى يىللاردا قانداق بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ».

ئادەت خاراكتېرىمىزنى، خاراكتېر تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ.

ياخشى ئادەت كىشىنى ئۇتۇققا ئېرىشتۈرسە، ناچار ئادەت كىشىنى تۈگەشتۈرىدۇ.

كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغىنى ئەزەلدىن بەزى چوڭ قائىدە يوسۇنلار بولماستىن، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كىچىك ئادەتلەردىن ئىبارەت.

1. كەڭ قورساقلىقنى ئۆگىنىپ، ھەممىگە تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك

كونىلاردا: «باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇشۇڭ، ئۆزۈڭگە ياخشىلىق قىلغىنىڭ» دېگەن. ئىشلارغا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا كەيپىيات بەكلا تۇراقلىق بولىدۇ.


پىسخىكىدا مۇنداق بىر داڭلىق ھېكايە بار:

مېۋە-چېۋە دۇكىنىنىڭ غوجايىنى ئىچى تار ھەم ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم ئىكەن.

بىر كۈنى غوجايىن كىچىككىنە بىر ئىش سەۋەبلىك خىزمەتچىسىنى تىللاپ كېتىپتۇ، خىزمەتچىسى ئاچچىقلىنىپ، ئۆيگە قايتقاندا ئايالى بىلەن يوق ئىشلار ئۈچۈن بىرمۇنچە سوقۇشۇپتۇ.

ئايالى ھەيرانلىق ھېس قىلىپ، ئاچچىقىدا ئويناۋاتقان بالىسىنى بىر مۇنچە تىللاپتۇ، بالىمۇ سەۋەبسىزلا تىل ئاڭلىغانلىقىدىن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ، يېنىدا تۇرغان مۈشۈكىنى بىرنى تېپىپتۇ.

نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالمىغان مۈشۈك چۆچۈپ كېتىپ، تاشيولغا يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ، مۈشۈكنى كۆرگەن شوپۇر ماشىنىنى تورمۇزلايمەن دەپ مېۋە يايمىسىنى سوقۇپ، مېۋە دۇكىنىنىڭ غوجايىنىنىمۇ يارىلاندۇرۇپتۇ.

غوجايىن ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى چىقىرىۋالدىم دېگىنى بىلەن ئاخىرىدا ئايلىنىپ يەنىلا ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا تېرىدى.

ئەگەر غوجايىن شۇ ۋاقتىنىڭ ئۆزىدە باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىشنىڭ ئۆزىنىمۇ ئازاد قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن بولسا، ئاۋارىچىلىكلەرمۇ ئۇنى ئىزدەپ كەلمەيتتى.

ھەممىلا ئىشنى زىغىرلايدىغانلار ھەمىشە ئاچچىقلىنىدۇ، ئازراقلا كۆڭۈلسىزلىك بولسا ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرىدۇ.

باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغۇچىلار ھەممە ئىشنى كۆڭلىگە سىغدۇرالايدۇ، قەلب يولىمۇ راۋانلىشىدۇ.


2. سالامەتلىككە ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ، ئۆزىنى ئاسراش كېرەك.

كىشى ئوتتۇرا ياشقا بارغىنىدا نېمە ئەڭ مۇھىم‎؟

ئەلۋەتتە سالامەتلىكتۇر.

كىشىلىك ھايات نەچچە ئون يىللا بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئارزۇ، ئابرۇي، مال-دۇنيا قوغلىشىش بىلەن ئۆتىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ يولدا ئالدىراش يۈگرەيمەن دەپ ساغلاملىقىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرگەنىدىم: جېجياڭدىكى 27 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ ئانىسى زىيادە چارچاپ كېتىش سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ.

ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ئادىتىدىن شۇنى بايقايمىزكى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئاللىبۇرۇن قالايمىقانلىشىپ كەتكەنىدى.

چۈنكى كېچە-كېچىلەپ بالىغا قارىغانلىق سەۋەبلىك ئۇيقۇسى بەش سائەتكە يەتمەيتتى. بالا قەغىشلىك قىلىش سەۋەبلىك دائىم ئىسسىقىدا بىر كاپام ئاش يېيەلمەيتتى، ئالدىراشچىلىقتا چېنىقىشقا ۋاقتى يەتمىگەنلىكتىن، بەدەن ساپاسىمۇ كۈنسېرى چۈشۈشكە باشلىدى.

ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇيقۇسىزلىقنى ئۇ پەقەت يانفون ئويناش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇ بالىنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئائىلىنى ئىككىنى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاخىرىغا تىزغانلىق سەۋەبىدىن، ئاقىۋەتتە پاجىئە يۈز بەردى.

ئەتراپىمىزدا بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ: سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستۇم ناشتا قىلماي، چۈشلۈكىمۇ مۇنداقلا غىزالىنىپ، كەچتە خېرىدارلار بىلەن ھاراق ئۈستىلىدە سودا ئۈچۈن كېچىچە ئىچىشىپ، ياندۇرۇپ چىقاتتى.

پۇلنى خېلى تاپقىنى بىلەن ئاشقازىنى تېشىلىپ يېرىم ئايدەك دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقتى.

ئاخبارات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تونۇشۇم دائىم كېچىلەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىپ، بىر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە شىركەتنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، ئەگەر ئامانلىق ساقلىغۇچى بايقىمىغان بولسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.

توردا مۇنداق بىر گەپ ئالقىشقا ئېرىشتى:

پۇلىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ، دوختۇرخانىغا بارسىڭىز ئۇ بىر قەغەز خالاس؛

خىزمىتىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ، يىقىلىپ قالسىڭىز ھامان سىزدىن ياخشى ئىشلەيدىغان بىرى ئورنىڭىزغا چىقىدۇ؛

ئۆيىڭىزنى، ماشىنىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ، ئەگەر كۆزىڭىز يۇمۇلسا ئۇمۇ باشقىلارنىڭكىگە ئايلىنىدۇ.

بىردىنبىر كۆز-كۆز قىلىشقا تېگىشلىك نەرسە پەقەت سالامەتلىكتۇر.

شۇڭا ساغلاملىقنى ئاسرىغاندىلا كىشىلىك ھاياتنىڭ داۋامىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.


3. زىياننى ۋاقتىدا توختىتىشنى ئۆگىنىش كېرەك.

كىچىكىمىزدىن تارتىپ، تىرىشساقلا نەتىجىگە ئېرىشىمىز دەپ قاراپ كەلدۇق، بىراق بەزىدە توغرا بولغان تاللاش قارىغۇلارچە تىرىشىشتىن مۇھىم.

قوشنىمىز ما ھەدە ئۆزىنىڭ مۇنداق ھېكايىسى ماڭا سۆزلەپ بەرگەنىدى:

28 يېشىدا ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭغا لايىق تونۇشتۇرۇپتۇ. ئوغۇلمۇ قارىماققا ئوقۇمۇشلۇق، سىلىق مۇلايىم ئىكەن، ئىككىيلەننىڭ ئائىلە شارائىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتەتتى، سۆزلىرىمۇ بىر يەردىن چىقىپ، يېرىم يىل ئارىلاشقاندىن كېيىن، توي قىلىشقىمۇ پۈتۈشۈش دەرىجىسىگە بارغانىدى.


بىراق بىر قېتىم ئوغۇل كۆپ ئىچىۋالغانلىقتىن ناھايىتى كەچ قايتىپ كەلدى، ما ھەدە ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەپ قويغىنىغا ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ما ھەدىنى بىر كاچات ئۇردى.

ما ھەدە شۇ زامان ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشتىن ۋاز كەچتى.

ئوغۇل مەسلىكتىن يېشىلىپ ما ھەدىگە تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى، دوستلىرى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى، بىراق ما ھەدە قەتئىي رەت قىلدى.

راستىنلا ئۇ ئەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقى ھەقىقەتەنمۇ تاسادىپىيلىق بولماستىن، باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە، ئۇ ئەر كېيىن باشقىلار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ھازىرقى ئايالىنى ئۇرۇپ-تېپىپ يۈرىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ ۋاقىتتا ما ھەدىمۇ ئاللىبۇرۇن كۆڭلىدىكى ئادىمىنى تېپىپ بولغانىدى.

مەيلى ھېسسىيات ياكى پۇل-مال بولسۇن ھەممىسىدە زىياننى ۋاقتىدا توختىتىشنى ئۆگىنىش كېرەك.


4. ئەتراپىدىكىلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىش كېرەك.

ئىلگىرى مۇنداق ھېكايىنى ئوقۇغانىدىم:

بىر قىز ئاپىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. يېنىدا پۇلمۇ يوقكەن، ھاۋامۇ سوغۇق، ھەم ئاچ قورساق قالغاچقا، ئاشخانا غوجايىنى ئۇنىڭغا ھەقسىز بىر قاچا چۆپ ئېتىپ بېرىپتۇ.


قىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئەزەلدىن تونۇشمايمىز، بىراق سىز يەنىلا ماڭا چۆپ پىشۇرۇپ بېرىشنى خالىدىڭىز، ئاپامغا ئوخشىمايدىكەنسىز، ئۇ ھەر كۈنى مېنى تىللاپلا ئۆتىدۇ» دەپتۇ.

غوجايىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ: «سىزگە بىر قاچا چۆپ پىشۇرۇپ بەرگىنىمگە شۇنچىلىك مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز، لېكىن سىزگە شۇنچە يىل تاماق ئېتىپ بەرگەن ئاپىڭىزنىڭ سىزنى تىللىغىنىلا يادىڭىزدىمۇ؟» قىز تۇرۇپ قالدى ۋە بىر ھازاغىچە گەپ قىلمىدى.

ئەلۋەتتە مېنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىز ئەمەس بەلكى مېنىڭ ئېسىللىقىمدىندۇر.

سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم سىزنىڭ نەقەدەر قالتىسلىقىڭىز بولماستىن، بەلكى سىزنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ماڭا مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئويلىغانلىقىمدىندۇر.

باشقىلارنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ئوتتۇرۇڭلاردىكى مۇناسىۋەتنى قەدىرلىگەنلىكىدىن بولغاچقا، سىزگە كەڭ قورساقلىق قىلىشنى خالايدۇ.

ئىككىلا ئادەم بىر-بىرىنى قەدىرلىگەندە ئاندىن شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.

مۇنداق بىر سۆز بار:

يامغۇرلۇق كۈنلەردە سىزگە كۈنلۈك سوۋغا قىلغان ئادەمنى قەدىرلەڭ، بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە سىزگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ئادەم بولسا، يوقاتقاندىن كېيىن ئاندىن قەدىرلەشنى ئۆگەنمەڭ. بەزى كىشىلەر يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز قايتۇرۇپ كېلەلمەيسىز.

ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشنى پۇختا قىلىدىغان، ئەركىن-ئازادە ياشايدىغان كىشىلەر مۇنەۋۋەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ياخشى ئادەتكە ئېرىشكەن ئەمەس. بەلكى ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەتلىرى بولغاچقا، مۇنەۋۋەر بولالىدى.

ھەر كۈنى ئازراقتىن ئىلگىرىلىگەندە، بەختنى قۇچاقلىغىلى بولىدۇ.

كېيىنكى ئۆمرىمىزدە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى كىشىلىك ھاياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.


分享到: