新闻详情

ئوسۇرۇق زادى قانچىلىك شىددەتلىك كۆيىدۇ؟

发表时间:2020-10-27 13:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:توردۇنياسى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوسۇرۇققا بولغان قارىشى بىر تەرەپلىمە بولۇپ، سېسىق پۇراقنى ھېسابقا ئالمىغاندا. ئوسۇرۇقنىڭ باشقا يارقىن نۇقتىسىنى تاپالمايدۇ. بۇ ئوسۇرۇققا نىسبەتەن ئادىللىق ئەمەس.

گازنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوسۇرۇقنىڭ خەتەرلىكلىكىگە كۆپ ساندىكى كىشىلەر سەل قارايدۇ؛ كىشىلەر خالىغانچە ئوسۇرۇشنى ئەدەبسىزلىك دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەزەلدىن ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەستايىدىل ئويلاپ باقمايدۇ.

ئوسۇرۇق بىر خىل گاز، بۇ ئۇنىڭ ماھىيىتى. مەيلى قويۇپ بېرىش جەريانى قانداق بولسۇن، يەنىلا ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ياۋايى مىجەزىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

خۇددى تۇغما مەغرۇر نەرسىلەرگە ئوخشاش، پەردە ئارقىسىدىن سەھنە ئالدىغا كەلگەندە، دۇنياغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

«مەن ماڭاي، خەلقىم ماڭا موھتاج»

توكيو تىببىي داشۆسى شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ بىر قېتىملىق تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسىدە، دوختۇرنىڭ لازېر نۇرى بىمارنىڭ قورسىقىدىكى ئوسۇرۇقنى كۆيدۈرىۋەتكەن.

ئوت تېز سۈرئەتتە يامراپ، يىغىشتۇرغىلى بولماي بىمارنى يارىلاندۇرغان ھەم ئوپېراتسىيە ئۆيى ۋەيران بولغان. ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش چوقۇم ئىنتايىن ئېچىنىشلىق.

فىلورىدادىكى بىر كىشى تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن. بۇ 37 ياشلىق كىشى ئايالىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كاسىسىغا چاقماق ياققان. ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈپ كەتكەن ئايالى نوسىلكىدا ساقچىغا قاراپ يىغلاپ: «ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئوسۇرۇق يالقۇنى رەڭگى كۆك رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭغا «كۆك پەرى» دەپ ئىسىم قويغان، ئۇنىڭ ساغرىسىدىن 60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يالقۇن ئېتىلىپ چىقىپ، پۈتۈن ئۆينى پارتلىتىۋەتتى. ھە راست، ئوسۇرۇق يالقۇنى ھەقىقەتەن كۆك رەڭدە ئىكەن» دېگەن.


ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئوسۇرۇقنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ، لېكىن مەيلى قانداق ئادەم بولسۇن، ئوسۇرۇقى ئاساسلىقى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، ھىدروگېن، ھىدروگېن سۇلفىد، مېتان، ئازوت، ئوكسىگېن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوكسىگېن ۋە مېتان كۆيگەندە، شەكىللەنگەن سۇ ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئادەتتە كۆك رەڭ تۈسى ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا ياندۇرۇلغان ئوسۇرۇقتا ئادەتتە چىرايلىق كۆك رەڭلىك يالقۇن پەيدا بولىدۇ.

ئاق كىيىملىك قىزچاق چاقماقنى ياققاندا، قىزىل كىيىملىك قىزنىڭ ئوسۇرۇق يالقۇنى كۆك رەڭدە كۆرۈندى.

بۇ خىل گۈزەل كۆك رەڭ سەللا بىخەستەلىك قىلسا ئۆتۈپ كېتىدۇ. كۈچلۈك كۆيۈشچان گاز پۈركەلگەندە، يالقۇن كۆپ ھاللاردا ئۆز ھالىتىدە بولىدۇ.


بىر قېتىملىق يىغىلىشتا، بىر ئايال قەستەن قىلدىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ، ئۆرۈلۈپلا كاۋاپدانغا قاراپ ئوسۇرغان. يەردىكى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن گېزىتتىنلا بىز بۇ يالقۇننىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

ئوسۇرۇق ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان گاز، بۇ ئۆسەك خەۋەر ئەمەس، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە بۇ پاكىت نامايان قىلىنغان.

ئوسۇرۇقنىڭ بۇ خەتەرلىك ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن سىرلىق، مەقئەت ئارقىلىق چىققان يالقۇن خۇددى تەبىئەتتىن ھالقىغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئوخشايدۇ، بۇ خىل تۇيغۇ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ.

كىشىلەر ئارىسىدا ئەزەلدىن ھەقىقىي باتۇرلار كەم ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ.

سىرتقى ماتېرىيالغا تايانماي، پەقەت ئۆز تېنىگە تايىنىپ بىر مەيدان ئوت خۇشاللىقىنى پەيدا قىلىدۇ، كۈچلۈك تەبىئەت بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينايدۇ.

«كەل، بىر ئەر كىشىدەك ئىش قىل»

ئۆزىنىڭ ئوسۇرۇقىغا ئوت يېقىپ باققان ھەر بىر ئادەم بۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدۇ. بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ساغرا ئارقىلىق ئوت پۈركۈش بىلەن نام چىقارغىلى بولىدۇ.

توردىكى كاسىدىن ئوت پۈركىگەن ۋىدېيولار ھە دېسىلا مىليون قېتىم چېكىلىدۇ، ئېلاندىن ئايرىلغان كىرىمىلا داۋالاش ھەققى قىممەت بولغان ئامېرىكىدا بىر قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈك ھەققىنى تۆلەشكە يېتىدۇ، بەلكىم يەنە ئازراق پۇل ئېشىپ قىلىشى مۇمكىن.

«مەن پەقەت پادىچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم».

بەزى كىشىلەر كامالەتكە يەتكەن ماھارەتلىرى بىلەن توردىكى داڭلىق شەخسلەرگە ئايلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوسۇرۇققا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئۇلار ئوسۇرۇقنىڭ كۈچىنى كونترول قىلىپلا قالماي، قېتىم سانىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، بۇنى ھەقىقەتەن ئاجايىپ ماھارەت دېيىشكە بولىدۇ.



مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كەينىدە بەلكىم ئازاب بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كىشىلەر ھەمىشە ئاشۇ يېڭى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدۇ.

«بەدەننى ئوتتا تاۋلىسا قەيسەر بولىدۇ، مىجەزىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ قەتئىيلىشىدۇ».

يىگىت ئەينەك رېفلېكسى ئارقىلىق كۆيۈپ يارىلانغان كاسىسىغا دورا سۈركىدى ۋە بۇنىڭغا پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر ئىشقا قىزىقىدىغانلار كۆپەيگەنسېرى، شامالغا ئەگەشكۈچىلەر يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ.

لېكىن ئۇلار ئوسۇرۇققا بولغان ھۆرمىتىنى يوقاتقان، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا ئاچچىق ئاقىۋەتكە قالىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا ياشلىق بۇ ئەرنىڭ قىياپىتى ئانچە توغرا ئەمەس، ئوت ۋە ھاۋا ئېقىمىنى كونترول قىلىشىمۇ ياخشى ئەمەس. ئەمما، ئوت يالقۇنى رەھىمسىز، ئەمدى ئۇ ئۈچ ھەپتە ئازاب تارتىدىغان بولدى.


ياش قىز ئوت بىلەن ئوينىشىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالدى.


ھەرقانداق ئىش قارىماققا ئۇنداق ئاسان ئەمەس، كىشىلەر ئاسانلا خەتەرلىك ھەرىكەتنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئوسۇرۇقىغا ئوت يېقىشتىن بۇرۇن، بۇنىڭ بوسۇغىسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

ئالدى بىلەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.

ئۇنىڭدىن قالسا سىز مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇلىنى بىمالال كونترول قىلالىشىڭىز كېرەك، چۈنكى گاز كىلاپانىنى قەتئىي ئېتىۋەتكىلى بولمىسا، بەدىنىڭىز لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

بۇ خىل خەتەرنى ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن، تەقلىد قىلغۇچىلار ساختىلىق قىلىش ئارقىلىق نوچى قىياپەتكە كىرىۋالدى.

ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىش ياكى باشقا بىر قىسىم ناچار ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلدى، لېكىن ئادەتتە ئامما بىر قاراپلا بۇنى بىلىپ قالىدۇ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا شەرمەندە بولىدۇ.


ئۇ بەكلا ساختا ئىكەن، بۇنداق نۇر تارقاتسا، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھېچقانداق مەسىلە ئەمەس.

يۇقىرى پارتلاشتا ئاسان كۆيىدىغان گاز بولۇش سۈپىتى بىلەن، مېنىڭچە ئوسۇرۇققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بۇ بەدىنىمىزدە ساقلانغان ئالاھىدە ئىقتىدار، ياۋايىلىقنىڭ يالقۇنى.

شۇڭا، ئوسۇرۇش نومۇس ئەمەس.



分享到: