新闻详情

iPhone 12 سېتىلغان ئۈچ كۈن ئىچىدىكى ماختاش ۋە قاخشاشلار

发表时间:2020-10-27 13:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

يېڭى iPhone بازارغا سېلىنغان ئۈچ كۈندىن بۇيان، نۇرغۇن ئابۇنتلار iPhone 12نى تۇنجى بولۇپ ئىشلىتىپ باقتى، ئۇنداقتا قىسقىغىنا نەچچە كۈندە ئابۇنتلار iPhone 12گە قانداق باھالارنى بەردى؟ تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە توردا تارقالغان بىر قىسىم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىشلىتىش تەسىراتلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىمىز.

لايىھە:

● بۇ قېتىم iPhone 12گە iPhone 4Sدىكىگە ئوخشاش تۈز قىرلىق رامكا ئىشلىتىلدى، قارىماققا تۆت چاسا كۆرۈنىدۇ، قولدا تۇتقان سېزىممۇ يامان ئەمەس، iPhone Xنىڭ يۇمىلاق ۋە سىلىق رامكىسىغا ئوخشىمايدىغان تۇيغۇ بېرىدۇ، قېلىنلىقى ئاران 7.4mm ئىكەن.

● iPhone 12نىڭ ماڭا يېنىك ۋە نېپىز تەسىر بەردى! iPhone 12 كلاسسىك لايىھە ئۇسلۇبىغا قايتىپتۇ، ئېغىرلىقى ئاران 162g، قول سېزىمى قالتىس!

● قولغا پېتىپ ئاغرىتىش مەسىلىسى: ئەگەر قاپچۇق سالمايلا ئىشلەتسىڭىز، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بەلكىم يانفون قولىڭىزغا پاتقاندەك بولۇپ بىئارام قىلىشى ئېنىق، شۇڭا بۇ يەردە دوستلارغا يەنىلا قاپچۇق سېلىپ ئىشلىتىش تەكلىپى بېرىمەن، بۇنداق بولغاندا قولىڭىزنى بىئارام قىلمايدۇ.

5G ئىقتىدارى ۋە سىگنال

● بىر كۈن ئىشلەتتىم، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىگنالى XSتىن ياخشىراق ئىكەن، ئەمما ئىلگىرىلەش چوڭ ئەمەس. قوش كارتا سالسام، تېلېگرافنىڭ سىگنالى ئۈچ سىزىقتىن ئېشىپ باقمىدى، مەنمۇ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم. يەنە بىرسى WiFi تازا مۇقىم ئەمەس، سىمسىز تور سىگنالىنى ئىزدىسەم، iPad Pro تاپقان بەزى سىگناللارنى تاپالمىدى.

● ئۇدا ئىشلىتىشچانلىقى مەن ئۈچۈن بەرىبىر، iPhone 11نىمۇ بىر كۈندە ئۈچ قېتىم زەرەتلەيتتىم، ياخشى يېرى، سىگنالى خېلى ياخشىلىنىپتۇ، بۇرۇن ئۆيدە تېلېگراف كارتىسىنىڭ ئىككىلا سىگنال سىزىقى كۆرۈنەتتى، تورغا ياخشى چىقمايتتى، ھازىر ئاساسەن تۆت سىزىق كۆرۈنىدۇ، تورمۇ راۋان.

● سىگنالغا گەپ كەتمەيدىكەن! ھەقىقەتەن Xs Maxتىن جىق ياخشى! فۇجۇ شەھىرىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش 5G تورى ئاساسەن ھەممە يەردە بار، سۈرئەت بەك تېز.

● 40 مىنۇت سەرپ قىلىپ 12 نۇمۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ سىناق باقتىم، سىگنال iPhone 11 يۈرۈشلۈكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ، ھازىرچە ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئىشلار چىقىپ باقمىدى (ئىلگىرىكى iPhone 11 يۈرۈشلۈكىدە سىگنال ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىسى خېلى ئېغىر ئىدى)

كامېرا ئىقتىدارى

● كامېراسى تېخىمۇ نوچى ئىكەن! كېچىلىك سۈرەت تارتىش ھالىتىنى ئاچسام، ئۈنۈم تېخىمۇ قالتىس بولدى! سىنغا ئالغاندا سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىمۇ ياخشى ئىكەن!

● ئەمەلىيەتتە iPhone 12 يانفونىدا سۈرەتنىڭ ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، بەلكىم قەستەن مۇشۇنداق تەڭشەلگەن بولۇشى مۇمكىن، يەنە سۈزۈش ئەينىكىنىڭ ئىقتىدارلىرىمۇ ياخشى ئىكەن، بۇنداق رەڭ ئۈنۈمى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاندىرويىد يانفونلىرىدا يوق.

● iPhone 12دە كېچىلىك مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتقاندا شولا پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇلتۇرقى iPhone 11 يۈرۈشلۈكىدىمۇ مۇشۇنداق مەسىلە بار ئىدى، بۇ قېتىم iPhone 12دە بۇ جەھەتتە ئازراقمۇ ياخشىلىنىش بولماپتۇ.

ئۇدا ئىشلىتىشچانلىقى

بىر سائەت 35 مىنۇت كىنو كۆرسەم (ئاۋاز مىقدارى %80) توكى %25 ئازايدى. «خاننىڭ شان-شەرىپى» ئويۇنىنى بارلىق ئالاھىدە ئۈنۈمىنى ئېچىپ بىر سائەت ئوينىسام، توكى %29 ئازىيىپتۇ، لېكىن بەك قىزىپ كەتتى، تېمپىراتۇرىسى 43.2 گىرادۇسقا چىقتى.

كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن تولۇق توك قاچىلاپ قويسام، ئەتىسى %2 توك يوقاپ كېتىپتۇ. ئەتىگەن سائەت يەتتىدە WiFiدا خەۋەر ئوقۇدۇم، سائەت سەككىزدە قارىسام %90 توك قاپتۇ.


分享到: