新闻详情

ئەرلەر قانداق قىلغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

发表时间:2020-10-27 13:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:ساغلاملىق بىلىملىرى

ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۆت باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:

1 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان مەزگىل بىرىنچى باسقۇچ بولۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ جۇشقۇن مەزگىلى يەنى «ساغلاملىق مەزگىلى» دەپ ئاتىلىدۇ؛

36 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان مەزگىل ئىككىنچى باسقۇچ بولۇپ، ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، بۇ «كېسەللىكنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى» دەپ ئاتىلىدۇ؛

46 ~ 55 ياشقىچە بولغان مەزگىل ئۈچىنچى باسقۇچ بولۇپ، كۆپ ساندىكى كېسەللىكلەر مۇشۇ باسقۇچتىن ئاسانلىقچە ئۆتەلمەيدۇ، بۇ «خەۋپلىك ھاياتلىق مەزگىلى» دەپ ئاتىلىدۇ؛

56 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان مەزگىل تۆتىنچى باسقۇچ بولۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ نىسپىي بىخەتەر مەزگىلى بولۇپ، «بىخەتەر ئۆتكۈنچى مەزگىل» دەپ ئاتىلىدۇ.

شۇڭا ھەر بىر باسقۇچتا كۆپچىلىك سالامەتلىكىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.


«ئىككى ساپ بولۇش»

1. ئۆپكىنى «تازىلاش»

ياخشى بولغان يۈرەك ـ ئۆپكە ئىقتىدارى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئۇل تېشى. ئۆپكە ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سورۇن، ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئاسانلا ئۆپكىنى مەينەت قىلىۋېتىدۇ، مەسىلەن، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چىكىش قاتارلىقلار.

ئۆپكىسى مەينەت بولۇپ كەتسە، ئۆپكە ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ئىچكى ئەزالارغا زىيان يېتىدۇ، ئۆپكىسى ساغلام كىشىلەرنىڭ تېنى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

شۇڭا، ئۆپكىنى پاكىز تۇتۇش سالامەتلىككە ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەكسىڭىز، دەرھال تاماكا تاشلاڭ ھەمدە تاماكا چېكىش مۇھىتىدىن يىراق تۇرۇڭ.


2. ئۈچەي يولىنىڭ «پاكىز» بولۇشى

تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى %90 كېسەللىك ئۈچەي يولىنىڭ پاكىز بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۈچەي يولىنىڭ پاكىزلىقى ئادەمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

دائىم چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، كۆپ يەپ، كۆپ ئىچىش، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش ئۈچەي يولىنىڭ بارغانسېرى مەينەت بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۈچەي يولى مەينەت بولۇپ كەتسە، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

شۇڭا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر چوقۇم ئۈچەينىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، ۋاقتىدا سۇ تەركىبىنى تولۇقلىسا، ئاندىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.


2. يۇمشاق بولۇش

1. قان تومۇر «يۇمشاق» بولۇش

قان تومۇرنىڭ «قاتتىقلىشىشى»مۇ بىر خىل كېسەللىك ھالىتى، يەنى قان تومۇر قېتىشتىن ئىبارەت. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل ناچار ئادەتلەرمۇ قان-تومۇردىكى كېرەكسىز ماددىلارنى كۆپەيتىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

قان تومۇر دىۋارى قان تومۇرنىڭ تەدرىجىي قېتىشى ۋە چۈرۈكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان ئايلىنىش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ-دە، قان تومۇر يېرىلىپ قان تومۇر قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا كۆپ خىل قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. جىگەر «يۇمشاق» بولۇش

جىگەر قېتىشتىن بولۇشتىن قورقىدۇ. جىگەر ھۈجەيرىسى نېكروزلانغان توقۇلما، قوشقۇچى ئۆسۈش ۋە تالالىق كاتەكچە شەكىللىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەر كىچىك ياپراقچىسىنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىگەر قېتىش مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن جىگەر راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ، بۇنىڭ ئېھتىماللىقى تەخمىنەن%15 ~ %10نى ئىگىلەيدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ھاراق ئىچىش، يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئاسانلا جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە ئۈچ خىل ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

بىرىنچى: ناشتا قىلىش، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

كونىلاردا «بىر كۈن سەھەردىن باشلىنىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، يېمەك-ئىچمەكتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ناشتىلىق ھېسابلىنىدۇ. ناشتىنى ياخشى قىلىش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق مىقدارىنى تولۇقلاش، يەنە ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى، جىگەر-ئۆت كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ناشتىلىق قىلمىغاندا ئاشقازان بىر خىل ئاقسىل ھاسىل قىلىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا قان تومۇرلار ئاسانلا قېتىپ قېلىپ، يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

شۇڭا، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك چوقۇم تەڭپۇڭ بولۇشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى بولۇشى، شۇنداقلا ۋاقتىدا بولۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندە بەدەننى ئاسراشقا تېخىمۇ پايدىلىق، ساغلام بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


ئىككىنچى: ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان سۇ ئىچىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

سۇ بەدەندىكى ئەڭ ياخشى زەھەر ھەيدىگۈچى دورا ۋە قاننى سۇيۇقلاندۇرغۇچى دورا بولۇپ، زەھەر ئەخلەتلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ، بەدەن مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان سۇ ئىچىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.

ئەتىگەندە چىش چوتكىلاپ يۈز يۇيغاندىن كېيىن، ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەنگە سۇ تولۇقلاپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئۈچەي يوللىرىنى تازىلاپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش، ئۇخلاشتىن 1 ~ 2 سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىش قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، بولۇپمۇ قان تومۇرلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ يۈرەكنى ئاسراشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاز-ئازدىن كۆپ ئىچىش، ئاستا ئىچىش، بەدەننىڭ سۇنى تولۇق سۈمۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا ئىچكەن سۇ زەھەرنى تازىلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.


ئۈچىنچى: ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە مۇۋاپىق چىنىقىپ بىرىش

كونىلاردا: «ھاياتلىق ھەرىكەتتە» دېگەن گەپ بار. ھەرىكەت قىلىش بەدەننىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق، شۇنداقلا بەدەننىڭ مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توكسىن ۋە ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈش، يوگا، تەيجى گۇمپىسى، مەيدان ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەدەننىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، يەنە بەدەننىڭ ئىچكى مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.


分享到: