新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: مادرىد ئاتلېتكا VS سالزبۇرگ قىزىل كالا مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-27 15:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا، مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. مادرىد ئاتلېتكا تۇنجى ئايلانمىدا 0-4 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان، سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسى بولسا 2-2 نەتىجىدە موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان، ئۇنداقتا مادرىد ئاتلېتكا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتېرى: 2020-2021 پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 4:00

مۇسابىقە ئورنى: ۋەندا مەركىزىي شەھەر توپ مەيدانى


مادرىد ئاتلېتكىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى:

مادرىد ئاتلېتكا تۇنجى ئايلانمىدا 0-4 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان، لېكىن كوماندا ھۇجۇمچىسى سۇئارېزنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماقتا، ئۇ يېقىنقى ئىككى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزدى، شۇنداقلا بۇ پەسىل تۆت توپ كىرگۈزۈپ بولدى. مادرىد ئاتلېتكىنىڭ مۇداپىئەسى تۇراقلىق، ئۇلار يېقىنقى بەش مەيدان مۇسابىقىنىڭ تۆت مەيدانىدا توپ كەتكۈزمىدى، شۇنداقلا پەسىل ھالقىغاننى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، يېقىنقى 11 قېتىملىق ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىدە مەغلۇپ بولمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز مەيدان غەلبە قىلىپ ئۈچ مەيدان تەڭلەشتى، بۇ قېتىم ئەمەلىي كۈچى پەرىقلىنىدىغان سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.


سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى:

سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسى بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى بەش مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، بىرلەشمە تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، مۇھىمى بۇ بەش مەيدان مۇسابىقىدە 19 توپ كىرگۈزدى، ھۇجۇم كۈچى ھەقىقەتن كۈچلۈك، لېكىن كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپى تازا ياخشى ئەمەس، ئۇلار يېقىنقى توققۇز مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاران ئىككى مەيدانىدا توپ كەتكۈزمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يېقىنقى 10 قېتىملىق مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ توققۇز مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ بىر مەيدانىدا تەڭلەشكەن، لېكىن بۇ قېتىم ئەمەلىي كۈچى پەرىقلىنىدىغان مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس.


分享到: