新闻详情

قاتناش قائىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ سوغۇق بىلىملەردىن قانچىنى بىلىسىز؟

发表时间:2020-10-27 15:57作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، بۈگۈن يول قاتنىشىدىكى ناھايتى سوغۇق بەزى بىلىملەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا بولسۇن، بىخەتەرلىك بىرىنچى.

بىرىنچى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئالاھىدە ئاپتوموبىللاردىن ئۆزىنى قاچۇرمىغاندا پىراۋىدىن ئۈچ نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

مەسىلەن، قايسى ئاپتوموبىللار ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ دېگەندە، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ھەيدىگەن ئاپتوموبىللار گۈدۈك چالغاندا چوقۇم ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك، بۇ خىل ئاپتوموبىللاردا فوتو ئاپپارات بار بولۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئۆزىنى قاچۇرمىغان ئاپتوموبىللارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش تارماقلىرى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئىككىنچى، ئاپتوموبىل بېزىكى، بەلگە ۋە ئاپتوموبىل ئېلانلىرىنى چاپلاپ بىخەتەر ھەيدەشكە تەسىر يەتكۈزگەنلەردىن نومۇر تارتىلمايدۇ، لېكىن 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئاپتوموبىللارنىڭ رەڭگى قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا خاتىرىلەنگەن، بىز ھېچنىمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسەك بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىلغا ئېلان چاپلاشتىمۇ ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئاپتوموبىلغا ئېلان چاپلاشقا ۋە پۈركۈشكە بولىدۇ، بىراق 25 سانتىمېتىرلىق ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئۈچىنچى، چارچاش ھالىتىدە داۋاملىق ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەردىن نومۇر تارتىلمايدۇ، لېكىن 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

بۇ ئۇچۇرنىڭ چوڭ ماشىنىلارغا پايدىسى بار. چوڭ ماشىنا ھەيدەيدىغان شوپۇرلار ھەيدەش جەريانىدا چوقۇم ئۆزىنىڭ كارتىسىنى خاتىرىلەش ئەسۋابىغا كىرگۈزۈپ، ۋاقىت ھېسابلىشى كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت ماشىنا توختىتىپ ئارام ئالماسلىق چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە كىرىدۇ. پىكاپلارنىڭ ۋاقىت بەلگىلىمىسى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ قىزىل كالا ۋە سالقىنداش مېيى سېتىۋېلغان ياخشى.

تۆتىنچى، بەلگىلىمە بويىچە كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئىشلەتمىگەندە، نومۇر تارتىلمايدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

بىزنىڭ ئاپتوموبىللىرىمىز رەسمىي نومۇر بېجىرىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىدىغان ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بار، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئالاھىدە ئورۇنغا چاپلىنىدىغان ئىككى ۋاراق قەغەز بار. بىرى شوپۇرنىڭ يان تەرىپىدىكى ئورۇندۇق ئالدىدىكى شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ ئاستىغا چاپلىنىدۇ، يەنە بىرى شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ سول تەرىپىگە چاپلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىۋاستە ئۈستىگە چاپلاپ قويۇپلا بولدى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ توغرا ئەمەس، بۇنداق ئەھۋالدا ساقچىلار تەنقىدىي تەربىيە ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

بەشىنچى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەردىن 12 نومۇر تارتىلىپ، 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالتە ئاي تۇتۇپ قېلىنىدۇ.

مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ(拘留)، بەش يىل ئىچىدە پىراۋا ئېلىشقا بولمايدۇ، 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش بىلەن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنىڭ پەرقىنى ئايرىيالمايدۇ، ئۇلارنىڭ جازاسىمۇ ئوخشىمايدۇ، بىرسى يېرىم يىل ئىچىدە ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ، پىراۋىسى ئالتە ئاي تۇتۇپ قېلىنىدۇ. يەنە بىرسىدە بەش يىل ئىچىدە پىراۋا ئالغىلى بولمايدۇ، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ، بۇنى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر ئىستاكان پىۋا بىلەن بىر بوتۇلكا پىۋىنىڭ پەرقى، قەغەز ئىستاكاندا بىر ئىستاكان ئىچكەن بولسىلا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشكە كىرىدۇ، بىر، ئىككى بوتۇلكا ئىچكەندە مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەشكە كىرىدۇ. كۆرسەتكۈچ 20mg/ml دىن ئاشسىلا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە تەۋە، 80mg/ml دىن ئېشىپ كەتسە مەست بولۇپ ھەيدىگەن ھېسابلىنىدۇ، ئىككىسىنىڭ يەنىلا پەرقى بار.


分享到: