新闻详情

قاننىڭ قويۇق بولۇشى قاندىكى ماينىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

发表时间:2020-10-27 15:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

لېكسىيە سۆزلىگۈچى: شاڭخەي شەھەرلىك 6-خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لۇ جىگاڭ

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز دائىم بەزى كىشىلەرنىڭ تاماقتىن كېيىن ئاسانلا مۈگدەپ قالىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلى بىرقەدەر سېمىز بولۇپ، ئادەتتە ھەرىكىتى بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، بۇ كىشىلەردە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بايقايمىز.

قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تەكشۈرۈشتە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يىغىلىشى، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىشى، فىبرىنوگېن قاتارلىقلارنى ئۆلچەش ئارقىلىق، بەزى كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مۆلچەرلىنىدۇ. پۈتۈن قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئۆلچەش قاننىڭ ئېقىش ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماكرولۇق كۆرسەتكۈچ بولۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئۆرلىگەندە، قاننىڭ ئېقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، توپلىشىشچانلىقى ئېشىپ، قاننىڭ ئۇششاق قان تومۇرلار ۋە قىل قان تومۇرلارغا ئېقىپ كىرىدىغان ئېقىم مىقدارى ئازىيىپ، قان ئايلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئادەمدە دائىم ئۇخلاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق تاسادىپىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قاندىكى ماي قان پلازمىسىدا مەۋجۇت بولىدىغان نېيترال ياغ بولۇپ، ترىگلىتسېرىد، خولېستېرول قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياغنىڭ سىنتېزلىنىشى بولسا سېمىزلىكنىڭ ماددىي ئاساسىدۇر. شۇڭا، ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيەدىن ئېشىپ كەتكەندە، بۇ ئىسسىقلىق مىقدارى جىگەر گىلىكوگېنى ياكى مۇسكۇل گىلىكوگېنى شەكلىدە ساقلانغاندىن سىرت، ھەممىسى دېگۈدەك پۈتۈنلەي ياغقا ئايلىنىپ ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سېمىزلىك بىلەن قاندىكى ماي مىقدارى زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى بەلگىلەيدىغىنى قاندىكى ماي بىرلا ئامىل بولماستىن، بەلكى بىرقانچە ئامىلنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

نېمىشقا قان يېپىشقاق بولۇپ قالىدۇ؟ ئادەم بەدىنىدىكى قان نۇرغۇن ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خىل ئالاھىدە سۇيۇقلۇققا ئوخشايدۇ. ئەگەر بىز سۇلۇق ئېرىتمىنى چۈشەندۈرسەك، بەلكىم مەسىلىنى تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، مەلۇم بىر خىل ئېرىتمىدە نۇرغۇن ماددىلار ئېرىتىلىپ، ئېرىتمىنى تەشكىل قىلغان ھەرقانداق بىر خىل ماددا كۆپەيسە، ئېرىتمىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ، تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئەگەر ئېرىگەن ماددىلارنىڭ مىقدارى ئۆزگەرمىسە، ئەمما سۇ ئاز بولسا، قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، قانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ، قان سۇيۇقلۇقىدىكى قان پلاستىنكىلىرى كۆپىيىپ، قان شېكىرى يۇقىرىلايدۇ ياكى باشقا غەيرىي چوڭ مولېكۇلالىق ماددىلار پەيدا بولۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرىلايدۇ. سۇ ئاز بولسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىمۇ يۇقىرىلايدۇ. شۇڭا، ئاددىي ھالدا قاننىڭ يېپىشقاقلىقى بىلەن قاندىكى ماي مىقدارىنى تەڭلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

قاننىڭ يېپىشقاق بولۇشى قان پىلازمىسى، قان ھۈجەيرىسى، قان تومۇر قاتارلىقلارنىڭ بىنورماللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ بىنورمال ئەھۋاللار ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلەن، كۆپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ھاراق- تاماكىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوڭ بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك.


分享到: