新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: موسكۋا پاراۋۇز VS بايرېن مىيۇنخېن مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-27 15:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى



بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر 1:55تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا، موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بايرېن مىيۇنخېن بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. موسكۋا پاراۋۇ كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدا 2-2 نەتىجىدە سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان، بايرېن مىيۇنخېن بولسا 4-0 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلغان، ئۇنداقتا بايرېن مىيۇنخېن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە داۋاملىق غەلىبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتېرى: 2020-2021 پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 1:55

مۇسابىقە ئورنى: موسكۋا پاراۋۇز مەركىزى پۇتبول مەيدانى


موسكۋا پاراۋۇزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى:

موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدىكى رسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئۆز مەيدانىدا 1-2 نەتىجىدە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان ۋولگوگراد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا تۇنجى ئايلانمىدا 2-2 نەتىجىدە سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالمىدى، ئۇلارنىڭ زاپاس ئەزا كۈچى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوق. بۇ قېتىم ئۇلار ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيون، شۇنداقلا بۇ پەسىلدىمۇ ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان بايرېن مىيۇنخېن بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە نومۇرغا ئېرىشىش نىسبىتى تۆۋەن.


بايرېن مىيۇنخېننىڭ يېقىنقى ئەھۋالى:

گېرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنخېن ئالدىنقى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا بەش شاھلىقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ پەسىل گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا خوففېنھامغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن، ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا 4-0 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى. ئالدىنقى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بولسا 5-0 نەتىجىدە فرانكفۇرتنى مەغلۇپ قىلدى، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە لېۋاندوۋىسكى «قالپاق ئويۇنى» ئوينىدى. بۇ قېتىم كوماندىنىڭ ئاساسلىق يان ھۇجۇمچىسى گنابرىيمۇ ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كەلدى، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېننىڭ غەلىبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.


分享到: