新闻详情

27-چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 17گىچە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ  نوكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈ

发表时间:2020-10-27 18:30作者:爱酷艺网来源:腾讯


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قەشقەر يۇقۇم ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى لىنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئومۇمىي ئادەم 4 مىليون 746 مىڭ 500 بولۇپ، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى سائەت 17 گىچە ۋىلايەت بويىچە بارلىق خادىملارنىڭ نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تولۇق تاماملاندى، دوكلات قىلىنغان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە 183 كىشى مۇسبەت بولغاندىن سىرت، قالغانلىرى مەنپىي بولدى. باشقا ناھىيە، شەھەرلەردىكى بارلىق خادىملارنىڭ نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقتى.

(مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى سۇ مېڭ، چيەن جۇڭيۈ تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)


分享到: