新闻详情

جاۋ ئەپەندى ئەر ـ خوتۇنغا 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

发表时间:2020-10-26 12:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

گۇچۇڭدا ئولتۇرۇشلۇق جاۋ ئەپەندى يېقىندا تىجارەتتە روناق تېپىپلا قالماي، يەنە پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىي ئوڭدىن كېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا بارسىلا مول ھوسۇل ئالىدىغان بولدى. 2020-يىلىدىكى تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمى ئوخشاش بىر كۈندە كەلدى، جاۋ ئەپەندىمۇ بۇ كۈندە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، بۇ قېتىمقى«دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ » مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، ئۇ يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن بولدى.

2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەچتە، جاۋ ئەپەندى بىلەن ئايالى ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىدىكى 65232208 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» كۆردى، بۇ لاتارىيە بېلىتى ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

جاۋ ئەپەندىنىڭ ئايالى قىممىتى 50 يۈەنلىك« ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىدىن بىرنى تاللىدى، لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن 50 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. جاۋ ئەپەندى يەنە بىر دانە لاتارىيە بېلىتى   تاللىدى، « مۇكاپات نومۇر» نى قىرغاندىن كىيىن 16 چىقتى، ئاندىن« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستا   ئاۋايلاپ قىردى، ئويلىمىغان يەردىن « مۇكاپات نومۇرى» بىلەن ئوخشاش سان« 16» نى چىقتى، سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسىنى كۆرۈپ جاۋ ئەپەندى ۋە ئايالىنىڭ كۆڭلى بىردىنلا يايراپ كەتتى، ئون يۈز، مىڭ، مىڭ... توغرا! تۆت نۆل.

جاۋ ئەپەندى ھاياجانلانغانلىقىدىن خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى، ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى ساتقۇچىغا بەردى، ساتقۇچى لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ ئىككى قولىنى تۇتۇۋالدى ھەم ئۇنىڭغا ـــ:« مۇبارەك بولسۇن! مۇبارەك بولسۇن! سىزگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ، ھازىر "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ" دېگەن بۇ بېلەت تۈرى سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، 10 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان مۇكاپاتلار ھەسسىلەپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، لېكىن بۇ مۇكاپات پۇلىنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ ئالىسىز»-دېدى. ئارقىدىن مال ساتقۇچى جاۋ ئەپەندى ئەر ـ خوتۇنغا مۇكاپات ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە مۇكاپات ئېلىش ئادرېسىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئېيتىپ بەردى.

10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، جاۋ ئەپەندى ئايالى بىلەن سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتىنى ئالدى. جاۋ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ دېگەن مول ھوسۇل، < ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ> ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن! ئەينى چاغدا مەن پەقەت ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق قوش بايرامدا مەملىكەت بويىچە تەبرىكلەش پائالىيىتىدە 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم.»-دېدى.

1.png

分享到: