新闻详情

ئۈندىدارىمىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىمجىت بولۇپ قالدى؟

发表时间:2020-10-27 21:12作者:ئەلكۈيى تورى来源:تور دۇنياسى

ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بىر ئوقۇرمەن: «ئەگەر كۆڭۈل خالاپ پاراڭلىشىدىغان كىشىلەر ئېرىنچەكلىك بىلەن ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرمىسا، مەن دىيالوگ رامكىسىنى يۇيىۋېتىمەن، چۈنكى ئۆزۈمنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلىشنى خالىمايمەن» دېدى.

ئويلاپ باقسام مېنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرمىشىم بولغانىكەن.

بىرىگە ئۇچۇر يوللىغاندا قارشى تەرەپ ئۇزۇنغىچە جاۋاب قايتۇرمىسا، ھەر خىل قىياسلارنى قىلىشقا باشلايمىز. مەسىلەن:

«مەن ئۇنىڭغا ئەدەبسىزلىك قىلىپ قويغاندىمەنمۇ؟ ئۇ ئەجەب مېنى نەزەرگە ئىلمايدىغۇ؟ ئەسلىدە بۇنداق تەشەببۇسكار بولماسلىقىم كېرەك بولغىيمىتى» دېگەندەك. قارشى تەرەپتىن جاۋاب كەلمىگەنسېرى دىيالوگ رامكىسىغا قارىساق بىئارام بولۇشقا باشلايمىز. ھالبۇكى، بۇ خۇددى باشقىلارغا سۇنۇلغان قولىمىز ھاۋادا لەيلەپ قالغانغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز دىيالوگ رامكىسىنى يۇيىۋېتىمىز، پاراڭلىشىش خاتىرىسىمۇ بىراقلا يوقايدۇ، گەرچە ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالساقمۇ. لېكىن كۆڭلىمىزدىكى بىئاراملىقنى يوشۇرۇپ قالالمايمىز.

يېقىندا ئۈندىدارغا يېڭى ئىقتىدار قوشۇلدى. يەنى دىئالوگ رامكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سولغا بىر سىيرىپ «كۆرۈنمەسلىك»نى تاللىسىڭىز دىيالوگ رامكىسى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە كۆرۈنمەيدۇ، خۇددى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغانغا ئوخشاش، سىزنى « كۆز كۆرمىسە، كۆڭۈلمۇ بىئارام بولماسلىق» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇنىڭ «پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈش» بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، قارشى تەرەپ ئۇچۇر قايتۇرسىلا، دىيالوگ رامكىسى ۋە خاتىرىسى قايتىدىن ئاپتوماتىك ھالدا نامايان بولىدۇ ۋە سىزگە قولايلىق يارىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ئۆزىنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋېلىشى تازا توغرا ئەمەس. باشقىلار سىزنى نەزىرىگە ئىلمىسا سىزنىڭمۇ پەرۋا قىلىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە مۇھىم بولماسلىقىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ.

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۆيگە قايتىش يولىدا، ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تۇيۇقسىز بىرىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇدۇلۇمدىكى ماسكا تاقىۋالغان كىشىنىڭ پەقەت قاش-كۆزىگە قاراپلا، دەماللىققا 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرنى جەزملەشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەسلىدە ئۇ راستتىنلا مېنىڭ باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم ئىكەن. بىز ئىلگىرى تولىمۇ يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق، باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق، تولۇقسىزدا بىر ياتاقتا ياتقانىدۇق. كېيىن ئۇ ياتلىق بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئالاقىمىز بىراقلا ئۈزۈلۈپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، شۇنچە ئۇزۇندىن كېيىن قايتا كۆرۈشكەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي، ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئەھۋال سوراپلا ھەرقايسىمىز ئورنىمىزغا قايتىپ ئولتۇرۇشتۇق ۋە ئۈندىدارىمىزنى قوشتۇق. بىز خوشلىشىپ قايتىش يولىدا مەن ئۆيدىكىلىرىم بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇنى تىلغا ئالغانلىقىمىز ھەققىدىكى پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى سۈرەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا يوللاپ قويدۇم. بىر مىنۇت ، ئىككى مىنۇت .... يېرىم سائەتمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ جاۋاب قايتۇرمىدى. مەن پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم، «قانداقلا بولمىسۇن ئىككىيلەن 20 نەچچە يىل كۆرۈشمىدۇق، بۇنداق قىلغىنىم سەل گۆدەكلىك بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدۇممۇ يا» دېگەنلەرنى ئويلاشقا باشلىدىم.

مەن پويىزغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، يان تېلېفونۇم جىرىڭلىدى، ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «مانا بۇ تەقدىر» دەپ قايتۇرغانىكەن. بۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى دوستلۇق رىشتىمنىڭ بىكار كەتمىگەنلىىكىدىن خۇرسەن بولدۇم، ئەسلىدە بايا كۆپ ئويلاپ كەتكەنىكەنمەن. بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۇزۇنغىچە ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. تەشەببۇسكار بولۇپ كەتكەن ئادەم ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورقىدۇ، تەشەببۇسكار بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ. مەن ھازىر ئۈندىدارىمدىكى دوستلار يوللىغان ياردەملىشىپ بېلەت تاشلاش ئۇلىنىشىغىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە باشلىدىم. چۈنكى بۇ ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل ئالاقە قىلمىغان تونۇشلار بىلەن ئەھۋاللاشقىلى پۇرسەت يارىتىلىدىكەن.

ئادەتتە، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئۈندىدار توپى دائىم جىمجىتلىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. بىر كۈنى مەلۇم بىر ساۋاقدىشىمىز بىر بېلەت تاشلاش ئۇلانمىسىنى يوللىدى ۋە: «كۆپچىلىك ماڭا ياردەملىشىپ بېلەت تاشلاپ قويغان بولساڭلار» دېدى. توپتىكى ساۋاقداشلار ئارقا - ئارقىدىن جاۋاب قايتۇرۇپ، بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلانما يوللىغان ساۋاقدىشىمىز خۇشال بولغىنىدىن: «ساۋاقداشلار رەھمەت سىلەرگە، بىزنىڭ ساۋاقداشلىق رىشتىمىز مەڭگۈ ئۈزۈلمىگەي» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ساۋاقداشلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭدەك، ئۇزۇندىن بۇيان ئالاقىلاشمىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا، خۇددى ئۆزگە يۇرتتا كونا تونۇشلارغا يولۇققاندەك ھېسسىياتتا بولىمىز.

ھۆرمەتكە ھۆرمەت قايتۇرۇشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالمايدىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا چارچاش بولمايدۇ، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولمايدۇ. بىز باشقىلاردىن شۇنداق سەمىمىي مۇئامىلىنى كۈتۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزمۇ باشقىلارغا شۇنىڭغا يارىشا جاۋاب قايتۇرالىغان بولساق، نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەرگە «دەز» كەتمىگەن بولاتتى، ھەمدە يېقىنلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز يىراقلىمايتتى. شۇڭا، سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەمگە ھەرگىز سوغۇق مۇئامىلىدە بولماڭ، ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇڭ، ئارتۇقچە ساقلاتماڭ.


分享到: