新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش»ئۇيۇنىدا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-27 12:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


مورى ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى خۇ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنىڭ مەستانىسى، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا:« قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى قىزىقارلىق ھەم ئاددىي، يەنى قىرىپلا مۇكاپاتنى تەكشۈرگىلى بۇلىدۇ، مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، تاللاشچانلىقى كۈچلۈك، پات-پات يەنە بەزى خۇشاللىقلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.»-دېدى.

دۆلەت بايرىمى تاۋۇز چاغىنىدىكى قوش بايرام مەزگىلىدە، خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن خۇ ئەپەندى ئاخىرى بىر نەچچە كۈن دەم ئالدى. 10 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئۇ دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان 65230244 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، كەيپىياتىنى تەڭشىدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن تەلىيىگە يارىشا ئۇ سېتىۋالغان ئىككى پارچە 50 يۈەنلىك « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچىسىدىن 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى.

خۇ ئەپەندىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ چاغدا ئۇ لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋاتقاندا، مۇكاپات نومۇرى ماس كېلىدىغان ساننىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسىنىڭ ئارقىسىدا بىر تىزىق نۆل بار ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ، يۈرەك سوقۇشى بىردىنلا تېزلىشىپ كەتكەن. ـــ «بەك ھاياجانلاندىم! دەسلەپتە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى دەپ ئويلاپ، مۇكاپات سوممىسىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرسەم، 10 مىڭ يۈەن ئەمەس، 100 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.»-دېدى خۇ ئەپەندىم، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزىدىن گۇمانلىنىپ قايتا كۈرۈپ چىقتى، توغرا، ھەقىقەتەن 100 مىڭ يۈەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە پائالىيەت قائىدىسىگە ئاساسەن جەمئىي 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. ـــ «تەلىيىڭلار ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن! "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ" ھەقىقەتەن بەك كۈچلۈك ئىكەن!» دېدى لاتارىيەچىلەر.

خۇ ئەپەندى مال ساتقۇچىلارغا مۇنداق دېدى: « مەن دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇكاپات سوممىسىنى دەل ۋاقتىدا نەقلەشتۈرىمەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ماڭا بەخت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇرۇنقىدەكلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللاپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىمەن ھەم كېلەر قېتىملىق بەختنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتىمەن»-دېدى.

2.png
分享到: