بىز زادى چىش يۇيدۇرۇشقا موھتاجمۇ؟发表时间:2020-10-27 21:17来源:تېڭشۈن تورى نۇرغۇن كىشىلەر چىش يۇيدۇرۇشنى خاتا چۈشىنىپ، پۇل خەجلەپ ئازاب سېتىۋالغاندەك ھېس قىلىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدىكى 35 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئاھالىلەرنىڭ چىشىغا تاش چۈشۈش نىسبىتى %96.7كە يەتكەن. ئەمەلىيەتتە، چىش يۇيدۇرۇش دېگىنىمىز، چىش يۈزىدىكى تاش، چىش داغلىرىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئېزىپ، ئاندىن تازىلىغۇچتىن ھاسىل بولغان سۇ تۇمانى ئارقىلىق ئۇششاق تاش، باكتېرىيە داغلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا چىش يۈزىنى سىلىقلاپ، باكتېرىيە دېغى پەيدا بولۇش ۋە چىشقا تاش چۈشۈشنى كىچىكتۈرىدۇ. چىش تېشى ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيە − چىش باكتېرىيە دېغى ۋە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، چىشقا تاش چۈشۈشنىڭ كۆپ پەيدا بولۇشى بىزنىڭ چىش قۇرۇلمىمىز ۋە چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چىشىمىزدىكى باكتېرىيەلەر ۋاقتىدا تازىلانمىسا، چىش تېشى پەيدا بولىدۇ. چىش يوچۇقى، چىش مىلىكى ئېرىقچىلىرىنى ئادەتتىكى چىش چوتكىسى ئارقىلىق ئاسان چوتكىلىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا چىش يوچۇقى، چىش مىلىكى ئېرىقچىسى ئەتراپىغا ئاسانلا چىش تېشى يىغىلىپ قالىدۇ. چىش تېشى كۆپ مىقداردا باكتېرىيەنى سۈمۈرۈپ، چىش مىلىكىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىش مىلىكى قورۇلۇپ، چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بارا-بارا ئادەمنى قىينايدىغان چىش ئەتراپى ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇ چىش چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ قاتىل ھېسابلىنىدۇ. چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ ئادەمنىڭ پۈتۈن بەىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھەرگىز ئېغىزدىكى كىچىك ياللۇغنى چوڭ ئىش ئەمەس دەپ قارىماسلىق كېرەك. چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىپ ئازراق قان چىقسا، ئېغىز پۇرىسا، بۇ بەلكىم چىش تېشىنىڭ ئاللىقاچان ئىش تەۋرىتىشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، تېزدىن چىش دوختۇرىنى تېپىپ كۆرۈنۈپ بېقىش كېرەك. بەزىلەر، مەن ئەزەلدىن چىشىمنى يۇيغۇزۇپ باقمىغان، چىشىمنى بىئارام بولغاندەك ھېس قىلىپ باقمىدىم دەيدۇ. چىشىڭىز بىئارام بولغاندا ئاندىن چىشىڭىزنى يۇيغۇزسىڭىز ئاللىقاچان كېچىككەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. چىش مىلىكى قاناش ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش بولماستىن، بەلكىم چىش تېشى، چىش باكتېرىيە دېغىنىڭ ئۈزلۈكسىز چىش مىلىكىنى غىدىقلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. چىش يۇيدۇرغاندىن كېيىن بەك ئاغرىمدۇ؟ چىش يۇيغاندىكى ئاغرىق، چىشقا تاش چۈشۈشنىڭ ئېغىر يىنىكلىك دەرىجىسىگە باغلىق. چىشنى يۇيۇشتىن بۇرۇن چىش تېشى چىشنى قاتمۇقات ئورىۋېلىپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىنى توسۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چىش تېشى سىزنىڭ چىش مىلىكىڭىزنى يىگىلىتىپ، چىش ئوقۇرى سۆڭىكىڭىزگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا چىش تېشى ئېلىۋېتىلىپ، چىش تۇيۇقسىز يالىڭاچلىنىپ قالسا، ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ، ئەگەر چىش تېشى ئېلىۋېتىلمىسە، چىش مىلىكى تېخىمۇ يىگىلەپ، چىش تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ. چىش يۇيۇشتىكى خاتا قاراشلار: 1. چىش يۇيۇش چىش ئارىلىقىنى چوڭايتىۋېتىدۇ 2. ئەستايىدىل چىش چوتكىلىغاندا چىش يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق چىشىڭىزنىڭ ئالتە يۈزى بار، ئويلاپ بېقىڭ، ئادەتتە چىشىڭىزنىڭ قانچە يۈزىنى چوتكىلايسىز؟ 3. چىش يۇيغاندىن كېيىن چىش ئاقىرىدۇ چىش يۇيۇپ چىشنى ئاقارتقىلى بولسا، يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ چىشنى ئاقارتىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ چىشنى يۇيۇشتىكى مەقسەت ئاساسلىقى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى قەھۋە دېغى، چاي دېغى، تاماكا دېغى ھەمدە كۈنسېرى يىغىلىپ قالغان سېرىق چىش تېشىنى تازىلاشتىن ئىبارەت، شۇڭا قارىماققا ئاقارغاندەك كۆرۈنىدۇ، بىراق چىشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پىگمېنت چۆكۈپ قېلىشنى چىش يۇيۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. 4. چىش يۇيۇش چىشنى بوشىتىۋېتىدۇ مۇنتىزىم چىش يۇيۇش چىشنى بوشاشتۇرمايدۇ. چىش يۇيغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باشقا كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ، بالدۇر بايقاپ،بالدۇر داۋالاتقاندا ئاز جاپا تارتىپ، كۆپ پۇل تېجىگىلى بولىدۇ. |