新闻详情

دۆلىتىمىزدىكى ئايال چولپانلار ئىچىدە قايسىلىرىنىڭ شەخسى ئايروپىلانى بار ؟

发表时间:2020-10-27 21:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

چەت ئەلدە پەقەت ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كارخانىچىلار، بايلارلا شەخسىي ئايروپىلان سېتىۋالالايدۇ، لېكىن ئېلىمىزدە ئۇنداق ئەمەس، نۇرغۇن چولپانلار شەخسىي ئايروپىلان سېتىۋالالايدۇ، شۇڭا بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ تاماشا ساھەسىدە بەك نورمال ! ئۇنداقتا بۇ چولپانلار نېمىشقا شەخسىي ئايروپىلان سېتىۋالىدۇ ؟

چولپانلارنىڭ شەخسىي ئايروپىلانلىرىنىڭ باھاسى:

1. فەن بىڭبىڭ، قىممىتى 20 مىليون

2. ياڭ يىڭ، قىممىتى 30 مىليون يۈەن

3. جاڭ زىيى، قىممىتى 50 مىليون يۈەن

4. ليۇ تاۋ، قىممىتى 300 مىليون يۈەن

بىرىنچى، ئاممىۋى ئايروپىلاندا ئوڭايسىزلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش. ئادەتتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ئولتۇرالايدۇ، ئەگەر ئايروپىلاندا ئۆزىنىڭ مەستانىلىرى ئۇچراپ قالسا، يول بويى خاتىرجەم بولالمايدۇ، ئىمزا قويۇش، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش دىگەندەكلەر كەم بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇلار ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا شەخسىي ئايروپىلاندا بۇنداق ئوڭايسىزلىقتىن ساقلىنىپ قالىغىلى بولىدۇ، گەرچە باھاسى قىممەترەك بولسىمۇ، لېكىن پۇلدارلار پەرۋا قىلمايدۇ.

ئىككىنچى، شەخسىي ئايروپىلان تېخىمۇ راھەت، ئادەتتىكى ئايروپىلانلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمىلىرى ناھايىتى راھەت، ھەقسىز تاماق، ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شەخسىي ئايروپىلانلارنى ئويلاپ باقساقچۇ ؟ بارلىق خىزمەتچى خادىملار سىز بىر ئادەمنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، سىزدىن نېمە لازىملىقىنى سورايدۇ ؟ راھەت دىگەن مۇشۇدە ! ئۇنىڭ ئۈستىگە شەخسىي ئايروپىلان تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۇچۇش، تۆۋەن ئۇچۇش، ئاستا ئۇچۇش، تېز ئۇچۇش قاتارلىقلارنى ئۆزىڭىز قارار قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئۈچىنچى، نۇرغۇنلىرى مۇھەببەتنىڭ شاھىدى، بۇ ئايال چولپانلارنىڭ شەخسىي ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەرلەر سوۋغا قىلغان، مەسىلەن ليۇ تاۋنىڭ 300 مىليون يۈەنلىك بۇ ئايروپىلانىنى ۋاڭ كې سوۋغا قىلغان، نېمىشقا باھاسى بۇنچە قىممەت؟ چۈنكى ئۇ بىر «كۆچمە» بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي، سافا كارىۋات، ئاشخانا، مۇنچا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار ! يەنە ياڭ يىڭنىڭ ئايروپىلانىنىمۇ خۇاڭ شياۋمىڭ سوۋغا قىلغان، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايال چولپانلار يەنىلا ياخشى ئەرلەرگە ياتلىق بولسا تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ.


分享到: