新闻详情

ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىغان جاڭ ئەپەندىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-27 17:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

10-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى دوستىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. ئېگەللىنىشچە جاڭ ئەپەندى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 65298039 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا« دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيەسى قىممىتى 20 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى بىلەن   10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلۇپ، « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ئويۇنى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىۋاتقان بولغاچقا جاڭ ئەپەندىمگە يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ، شۇنداق بولغان جاڭ ئەپەندىم جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ئەپەندى بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغىنى«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئىكەن. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، «قوش بايرام» دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ خىزمەتچىلەر ئىشقا چۈشتى، شۇ كۈنى جاڭ ئەپەندى بالدۇرلا خىزمىتىنى تاماملاپ، ئۆيگە قايتىش يولىدا ئەتراپتىكى 65298039 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، ئۆيگە قايتىشقا ۋاقىت تېخى بالدۇر بولغاچقا پارۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى ۋە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردى. جاڭ ئەپەندى كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللاپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولغاندا، پۇكەي ئىچىگە قويۇپ قويغان «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتى كۆزىگە چېلىقتى. دوستلار چەمبىرىكىدە بىرەيلەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەن ھەمدە ھازىر يەنە پائالىيەت مەزگىلى بولۇپ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى (10 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چىقسا يەنە ھەسسىلەپ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ ، جاڭ ئەپەندى بۇلارنى ئويلاپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. يانچۇقىدا يەنە 20 يۈەن پارچە پۇل قالغانلىقىنى كۆرۈپ، جاڭ ئەپەندى   20 يۈەنلىك«دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتدىن بىرنى سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئەڭ ئاخىرقى 20 يۈەن ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات ئېلىپ كەلدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:«لاتارىيە بېلىتىدىكى" مېنىڭ نومۇرۇم" نى قىرغاندىن كىيىن "مۇكاپات نومۇرى" غا ئوخشاش ساننى كۆرۈپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلدىم، ئەمما مۇكاپات سوممىنىڭ دەل 10 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم ، بەك خۇشال بولدۇم»-دېدى. جاڭ ئەپەندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۇ ئولتۇراق رايوندا ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر ھەميان تېپىۋالغان بۇلۇپ، ئۇ دەرھال مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئىگىسى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلاشقان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى يان تېلېفون تېپىۋالغانلىقىنى، دەرھال ئامال قىلىپ ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىغان بۇ خىل روھ جاڭ ئەپەندىنى كاتتا تەلەيلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

3.png

分享到: