新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: مونشېنگلادباخ 2:2 خانلىق مادرىد

发表时间:2020-10-28 10:57作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بورۇسسىيا باغچىسى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مونشېنگلادباخ ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مونشېنگلادباخ كوماندىسىدىن پلېيانىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن تۇرام بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، خانلىق مادرىدتىن تونى كروسنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مونشېنگلادباخنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە تۇرام يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، خانلىق مادرىدتىن بېنزېما بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا خانلىق مادرىدتىن كاسمىرو بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 2:2 نەتىجىدە مونشېنگلادباخ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى خانلىق مادرىد ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، توپ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە مونشېنگلادباخ توپچىسى گىنتېرنىڭ قولىغا تەگكەن بولسىمۇ، رىپېر ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى، كاسمىرونىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، بېنزېمانىڭ تەپكەن توپىمۇ ئوخشاشلا ياندىن چىقىپ كەتتى، كاسمىرونىڭ تەپكەن توپىنىڭ يۆنۈلۈشى ئۆزگىرىپ، قاپقا يېنىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 33 مىنۇت بولغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى مونشېنگلادباخ بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مونشېنگلادباخ ھۇجۇم تەشكىللەپ، پلېيانىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن چىرايلىق پاس بېرىشى بىلەن تۇرام چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئاسېنسىئونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مونشېنگلادباخنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ خانلىق مادرىد ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئاسېنسىئونىڭ ئۈسكەن كاللا توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ۋىنىسىئۇسنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 58 مىنۇت بولغاندا، مونشېنگلادباخ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مونشېنگلادباخ ھۇجۇم تەشكىللەپ، پلېيانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسقان بولسىمۇ، ئەمما تۇرام قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مونشېنگلادباخ داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، پلېيانىڭ يەكمۇيەك ھالەتتە تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، خانلىق مادرىدتىن خازاردنىڭ تەپكەن توپى قاپقىنىڭ يان سېتكىسىغا تەگدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 87 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، خانلىق مادرىد بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، كاسمىرونىڭ كاللا پاس بېرىشى بىلەن بېنزېما قاپقا ئالدىدا تەتۈر ئىلمەك توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە خانلىق مادرىد يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، راموسنىڭ توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ پاس يەتكۈزۈشى بىلەن كاسمىرو قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 2:2 نەتىجىدە مونشېنگلادباخ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلالمىدى.


分享到: