新闻详情

«قەدىمىي قەبرىدىكى كۆلەڭگە 2» ۋاقتىنچە قويۇلمايدىغان بولدى

发表时间:2020-10-29 14:23作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

2018-يىلى ﺋﺎﻟﯩﺴﯩﻴﺎ ﯞﯨﻜﺎﻧﺪﯦﺮ (Alicia Vikander) باش رول ئالغان «قەدىمىي قەبرىدىكى كۆلەڭگە» (古墓丽影) نىڭ داۋامى ئەسلىدە 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى قويۇلماقچى بولغان، يېقىندا ئورگان تەرەپ «قەدىمىي قەبرىدىكى كۆلەڭگە 2» نىڭ ئەسلىدىكى قويۇلۇش ۋاقتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، يېڭى قويۇلىدىغان ۋاقتى تېخى ئېلان قىلىنمىدى. نۆۋەتتە ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ۋەقەلىكى ئېنىق ئەمەس، لېكىن تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرگە قارىغاندا، كىنونىڭ ۋەقەلىكى ئويۇن «قەدىمىي قەبرىدىكى كۆلەڭگە: قەد كۆتۈرۈش» (古墓丽影:崛起) ۋە «قەدىمىي قەبرىدىكى كۆلەڭگە: يوشۇرۇن كۆلەڭگە» (古墓丽影:暗影) دىكى مەزمۇنلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككىنچى بۆلۈمدە ﺋﺎﻟﯩﺴﯩﻴﺎ ﯞﯨﻜﺎﻧﺪﯦﺮ داۋاملىق رول ئالىدىكەن، يېڭى نۇسخىدىكى «كېپىنەك چۈشى» (蝴蝶梦) ناملىق كىنونىڭ رېژىسسورى بېن ۋىتلېي رېژىسسورلۇق قىلىدىكەن. 2018-يىلى قويۇلغان «قەدىمىي قەبرىدىكى كۆلەڭگە» ناملىق كىنو 94 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق خامچوتقا تايىنىپ، 275 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يەر شارى ئومۇمىي بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن.


分享到: