新闻详情

«ئۆمۈچۈك پالۋان 3» فىلىمى رەسمىي ھالدا سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى

发表时间:2020-10-29 14:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى


《蜘蛛侠3》正式开拍!荷兰弟进组先“剧透”?

گوللاندىيەلىك ئۇكا «ئۆمۈچۈك پالۋان 3»(蜘蛛侠3) ناملىق فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

كىنو تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گوللاندىيەلىك ئۇكا تام ھوللاند (Tom Holland) ياۋروپادا «سىرلىق دېڭىز تەۋەلىكى»(神秘海域) ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىپ بولۇپلا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاتلانتاغا يېتىپ بېرىپ «ئۆمۈچۈك پالۋان 3»(蜘蛛侠3) فىلىم گۇرۇپپىسىغا رەسمىي كىرىشكە تەييارلاندى. ئالدىراش بولۇپ كەتكەن گوللاندىيەلىك يىگىت ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئەتىراپنى ۋە ئۆزىنى سۈرەتكە ئېلىپ مەستانىلىرىگە ھەمبەھرىلەپ ھاياجانلانغان ھالدا «ئەمدى <ئۆمۈچۈك پالۋان 3> نىڭ ۋاقتى كەلدى!» دېدى.

ئۇ «ئۆمۈچۈك پالۋان 3» فىلىمىنىڭ سېنارىيەسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ مەستانىلىرىگە بۇ ھەقتە خەۋەر يەتكۈزگەن بولۇپ، گەرچە تام خوللاند فىلىمدا قانداق مەزمۇن سۆزلىنىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئىلگىرىكى ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرىكىدەك فىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن مەزمۇننى سىرتقا ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «مەن ھەرگىزمۇ كىنوغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىنى ئېيتىپ بەرمەيمەن!» دېگەن.

《蜘蛛侠3》正式开拍!荷兰弟进组先“剧透”?

تورداشلار ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ فىلىم مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشنى ئويلىدى

ئەمما ھاياجانلانغان تام ھوللاند بىر تەرەپتىن ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر تەرەپتىن ھاياجانلىنىپ مەزمۇننى ئېيتىپ سالغىلى تاس قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى. ۋىدېيوغا قالدۇرۇلغان ئىنكاسلاردا، تورداشلار بەس-بەستە قانداق قىلىپ تام ھوللاندنىڭ ئاغزىدىن ۋەقەلىك ئۇچۇرىنى ئالداپ ئېلىۋالغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئىلگىرىكى «فىلىم مەزمۇنىنى ئاشكارلىغۇچى تەلۋە» بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرلۈك تەكەللۇپ سۆزلىرى ئارقىلىق زىيارەت قىلىش ماھارىتىنى ئىگىلىۋالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، «ئۆمۈچۈك پالۋان 3» فىلىمىنىڭ ۋەقەلىكىگە قىززىقىدىغان ياخشى كۆرۈرمەن بولۇش ئۈچۈن، يەنە بىر مەزگىل سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

《蜘蛛侠3》正式开拍!荷兰弟进组先“剧透”?

ياكوب باترون (Jacob Batalon)نىڭ ئورۇقلىغاندىن كېيىنكى ھالىتى

گوللاندىيەلىك ئۇكا فىلىم گۇرۇپپىسىغا كىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە «ئۆمۈچۈك پالۋان 3» فىلىمىنىڭ باشقا ئىككى باش قەھرىمانى «نېد»نىڭ رولىنى ئالغان ياكوب باترون بىلەن «ماررى جېن»نىڭ رولىنى ئالغان زاندايامۇ ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياكوب ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىردىنلا 50 نەچچە جىڭ ئورۇقلاپ كەتكىنى چىقىپلا تۇرغان. تورداشلار ئۇنى «قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بوپتۇ!» دېگەن، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى «ئۆمۈچۈك پالۋان 3»نىڭ ۋەقەلىك ئېھتىياجىدىن ئورۇقلىغانمىدۇ، دەپ قىياس قىلغان. زاندايا بولسا ئىتىنىڭ سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەپ، ئىتىنىڭ ئاتلانتاغا كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

《蜘蛛侠3》正式开拍!荷兰弟进组先“剧透”?

زاندايا ۋاسىتىلىك ھالدا گۇرۇپپىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى

نۆۋەتتە «ئۆمۈچۈك پالۋان 3» ناملىق فىلىم ئاتلانتادا رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، نيۇيورك، لوس ئانژېلېس قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا ئۇدا بەش ئاي سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پەرىزىچە ئوۋچى كرېيۋېن بەلكىم «ئۆمۈچۈك پالۋان 3» فىلىمىنىڭ سەلبىي ئوبرازى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

《蜘蛛侠3》正式开拍!荷兰弟进组先“剧透”?

ئوۋچى كرېيۋېن

ئىگىلىنىشىچە «ئۆمۈچۈك پالۋان 3» فىلىمىگە يەنىلا جوئى ۋوتز رېژىسسورلۇق قىلغان، تام ھوللاند باش رول ئالغان، ۋەقەلىك «ئۆمۈچۈك پالۋان 2»دىكى ۋەقەلىككە ئۇلاپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ سىرلىق مېھمان تەرىپىدىن سالاھىيىتى ئاشكارىلاندىن كېيىنكى ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا فىلىم 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدىكەن.


分享到: