چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: مانچېستېر بىرلەشمىسى 0:5 لېيپزېگ قىزىل كالا发表时间:2020-10-29 14:42来源:تېڭشۈن تورى
مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، فرېدنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مارشالنىڭ يەتكۈزگەن پاس توپىغا گرېنۋود يېتىشەلمەي قالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇت بولغاندا مانچېستېر بىرلەشمىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، پوگبانىڭ ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن گرېنۋود چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سول تەرەپتىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، لېيپزېگ قىزىل كالا ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئىنكۇنكۇنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئانگىلىنونىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشتا ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىدىن قېلىشماي قاتتىق تىركەشتى، مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ۋاندېبېك ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەردى، لېيپزېگ قىزىل كالىدىن كونېتنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 73 مىنۇت بولغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، برۇنۇ فېرناندېسىنىڭ ئۇزۇن پاس بېرىشى بىلەن راشفورد يەكمۇيەك ھالەتتە چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن تۆت مىنۇت ئۆتكەندە مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، راشفورد چەكلەنگەن رايون سىرتىدا توپ تارتىۋىلىپ، يەنە بىر قېتىم يەكمۇيەك شارائىتتا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 86 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىمىلىدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مارشال نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن كاۋانى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن راشفورد، مارشال يەتكۈزگەن پاس توپقا تايىنىپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا 0:5 نەتىجىدە، لېيپزېگ قىزىل كالا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. |