新闻详情

AngelaBabyغا تۆھمەت قىلغۇچى 90مىڭ يۈەن تۆلەمگە قالدى

发表时间:2020-11-01 13:26作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، تاماشا چەمبىرىكىدىكى داڭلىق ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنى بىر دېلونى خەۋەر قىلدى.
2019-يىلى مەلۇم بىر تورداشنىڭ AngelaBabyنى ھاقارەتلىگەنلىك، پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلىقى سەۋەبىدىن، AngelaBaby يېقىندا قارشى تەرەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ئۇتۇپ چىققان، سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا 90 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.


خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تورداش كۆپ قېتىم ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇنىڭ بىر رەزىل پىلانى ئەمەلگە ئاشقان ئۈچىنچى شەخىس ئىكەنلىكىنى، خۇاڭ شياۋمىڭ بىلەن لى فېيئېر ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقا قول تىققانلىقىنى، شۇڭا بۈگۈنكىدەك نەتىجە ۋە بەختكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.

كۆپچىلىكنىڭ خۇاڭ شياۋمىڭ بىلەن لى فېيئېرنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇھەببىتىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار. خۇاڭ شىياۋمىڭ لى فېيئېر بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا Baby بىلەن يۈرگەن بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ Babyغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جۇڭگو شياڭگاڭ تاراتقۇلىرى لى فېيئېر شياڭگاڭغا بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بۇ ئىش توغرىسىدا ئۇنى زىيارەت قىلغان، ئەينى چاغدا لى فېيئېر Babyدىن ئىبارەت «ئۈچىنچى شەخس»نىڭ، ئۇنىڭ بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتقانمىش. لېكىن ئەمەلىي دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا، لى فېيئېر ئۇ يىلى شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنداقلا بۇنداق دەپ Baby نى ئەيىبلىگەن ئىشىمۇ بولمىغان، لېكىن تورداشلار بۇ ئېغۋاغا ئىشىنىپ قالغان، شۇڭا بۇ پىتنە-ئىغۋالار كۆپ يىل تارقىلىپ يۈرگەن.


بۈگۈنكى كۈندە بۇ تورداش يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق پىتنە-پاساتتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ تورداشنىڭ ماقالىسىدا لى فېيئېر ۋە Baby توغرىسىدا مۇھىم باشقا خەۋەر يوق، ئۇنىڭ مەقسىتى چولپانلار توغرىسىدا پىتنە-پاسات تارقىتىشتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش. بۇ تورداش Babyنىڭ دېلو مىسالىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى ئالداپ، كىشلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقچى بولدى.


كۆپ ساندىكى ئامما پىتنە-پاساتلارنى راست دەپ قاراپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان باھالارنى بەرگەن، ئەمما بۇ تورداش Babyنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا شۇنداق ماقالە ئېلان قىلىپ، Babyغا يامان تەسىر ئېلىپ كەلگەن.

شۇڭا Baby قانۇن ئارقىلىق ھوقۇقىنى قوغداشنى تاللىدى ھەمدە ئاخىرىدا خۇاڭ شياۋمىڭ بىلەن بولغان ھېسسىيات ئىشىدا، لى فېيئېر بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ ئوتتۇرىسغا قىسىلىۋالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.


تور قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، كۆپچىلىك باھا سۆزى يازغاندا مۇۋاپىق ئىپادىلەش، پىتنە-پاساتقا ئىشەنمەسلىك، تارقاتماسلىق كېرەك.

Baby ۋە خۇاڭ شياۋمىڭغا تۆھمەت چاپلاپ، ھاقارەت قىلىپ، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەرمۇ ئاخىر قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. خۇاڭ شياۋمىڭ ئەر-ئايالنىڭ بۇنداق پىتنە پاساتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


分享到: