新闻详情

ئالەمدىن ئۆتۈشى دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان چولپانلار

发表时间:2020-11-01 13:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن

كىشىلىك ھاياتتىكى ئىشلارنى مۆلچەرلىمەك ھەقىقەتەن تەس، بەزىلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسى بولۇشى مۇمكىن، بەزىدە بەزى تاسادىپىيلىق ياكى ئاپەت تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز قازا قىلىپ ۋە باشقىلارغا تولدۇرغۇسىز ئەپسۇسلۇق قالدۇرۇپ قويىدۇ.

جامائەت ئەربابلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئايرىلىشى يەنە نۇرغۇن زىلزىلە ۋە مۇھاكىمىلەرنى قوزغايدۇ.

مايكول جېكسون

دۇنيا دەرىجىلىك ئۇسسۇل شاھى ۋە ناخشا چولپىنى. بىردىنبىر ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ تاماشىبىنلارنى ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتكەن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان. 2009-يىلى 25-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ لوس ئانژىلىس شۆبە مەكتىپىنىڭ داۋالاش مەركىزىدىكى بىر دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پەقەت ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، ياشلىق باھارىدىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

كوبى

ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولىدىغىنى مۇزىكا ۋە تەنھەرىكەت. ۋاسكېتبولنى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئىسسىق قان، ياشلىق باھار، تەر، ھېسسىياتنىڭ ۋەكىلى، كوبىب ولسا ۋاسكېتبولنىڭ سەركىسى. كوبىنىڭ 80، 90-يىللاردا تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ، ئۇ بىر خىل ئىشەنچ، بىر خىل مامبا روھىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىدىن چېكىنگەن گىگانت چولپان كوبى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى كالاباساس شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان، ۋەقەدە بىرلا ۋاقىتتا قازا قىلغانلاردىن يەنە كوبىنىڭ 13 ياشلىق قىزى جىئەننامۇ بار.

سىزنى يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن قىزىڭىز سىزگە ھەمرا بولسۇن!

لى يوڭ

بىز ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى دەل لى يوڭ. بىز كىچىگىمىزدىنلا ئۇنىڭ پروگراممىسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان، ئۇنىڭ «قالتىس 6+1» (非常6+1)پىروگراممىسى نۇرغۇن ئۆسمۈرلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. بىراق ئۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا نۇرغۇن ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر قايغۇرغان.

گاۋ يىشياڭ

ئەتە بىلەن تاسادىپىيلىقنىڭ قايسىسى ئاۋۋال كېلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. گاۋ يىشياڭنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.90 مېتىر بولۇپ، نۇرغۇن قىزلارنىڭ قەلبىدىكى مۇكەممەل ئوبراز ھېسابلىنىدۇ، ئەمما گاۋ يىشياڭ ئۆزىنىڭ «قەرەللىك بومبا» ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە، گاۋ يىشياڭ جېجياڭ نىڭبودا «مېنى قوغلاڭلار!» (追我吧) ناملىق پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇ چاغدا گاۋ يىشياڭ ئاران 35 ياشتا ئىدى. ئۇنى بىز تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئوبرازلاردەك قايتا تىرىلىشى مۇمكىن دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق بولىدۇ، لېكىن تۇرمۇش ئەزەلدىن ئويۇن ئەمەس.

يەنە نۇرغۇن كىشىلەر چولپان بولمىسىمۇ بەلكىم يېنىمىزدىكى كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن، تۇرمۇش ھەمىشە بەك كۆپ ئەپسۇسلىنىشقا تولغان بولىدۇ.

قولىمىزدىن كېلىدىغىنى شۇكى ھازىرنى قەدىرلەپ ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئادەمنى سۆيۈش!


分享到: