新闻详情

«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»گە يوشۇرۇنغان ھەقىقىي تارىخ

发表时间:2020-11-02 03:30作者:alkuyi.com来源:qq.com

«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» (三国演义) بىر كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، خائىن ساۋ ساۋ، رەھىمدىل ليۇ بېي، ساداقەتمەن گۈەن يۈ، قوپال جاڭ فېي، باتۇر جاۋ يۈن ۋە دانىشمەن كۇڭ مىڭ قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نىڭ خەلق ئارىسىدىكى تەسىرى بەك چوڭ بولغاچقا، بۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئەدەبىي ئوبرازى تارىخىي ئوبرازنىڭ ئورنىنى ئالغان، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نى ھەقىقىي تارىخ دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نىڭ ماتېرىيالى ھەقىقىي تارىخ «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» (三国志) دىن ئېلىنغان بولۇپ، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» ئارقىلىق «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نى چۈشىنىش جەريانىدا، بىز نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلارنى بايقايمىز.

1. ليۇ بېي «بورا توقۇيدىغان دېھقان» ئەمەس، بەلكى جۇ ۋىلايىتىدىكى ئۆكتەم

«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە، «بورا توقۇيدىغان دېھقان» دىن ئىبارەت مەخسۇس ئادەم تىللايدىغان بىر جۈملە سۆز بار، ليۇ بېي بۇ گەپنى ئاڭلىسىلا ئېيتقۇچىنى ئۇرغۇسى كېلىدۇ، بۇ خۇددى ساۋ ساۋنىڭ مەخسۇس ئۆزىگە قارىتا ئېيتىلغان سەت گەپنى ئاڭلىغىنىغا ئوخشاش. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دە، ليۇ بېينىڭ كېلىپ چىقىشى ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس، ئۇ كىچىكىدىنلا يېتىم بالا بولۇپ، ئانىسى بىلەن بورا توقۇپ كۈن ئۆتكۈزگەن. لېكىن ئۇنىڭ بوۋىسى ليۇ شيۇڭ، دادىسى ليۇ خۇڭلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئەمەلدار بولغان كەچۈرمىشلىرىدىن قارىغاندا، ليۇ بېينىڭ جەمەتىنىڭ شۇ جايدا خېلى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە جەمئىيەتتىكى ئابرۇيى بار بولۇپ، بۇ ليۇ بېينىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن، جەمەتىنىڭ ئۇنى داڭلىق ئەرباب لۇ جىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

لۇ جى ياش ۋاقتىدا جېڭ شۈەن بىلەن بىللە ما رۇڭنى ئۇستاز تۇتۇپ، كۇڭزىچىلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەن. ھازىرقى زامان كىشىلىرى ما رۇڭ، لۇ جى، جېڭ شۇەننىڭ ئىسمىنى كۆرسە ناتونۇشتەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاھانغا مەشھۇر ئالىملار بولۇپ، ما رۇڭ ئۆز زامانىسىدا ئۆلىما دەرىجىسىدىكى كىشى ئىدى، يەنە ناھايىتى كۆپ شاگىرت يېتىشتۈرگەن. لۇ جى بىلەن جېڭ شۇەن ما رۇڭنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە ئەڭ داڭقى چىققان ئىككى شاگىرت. لۇ جى بىلەن جېڭ شۈەنمۇ نۇرغۇن شاگىرت تەربىيەلىگەن. لۇجىنىڭ شاگىرتلىرىدىن ليۇ بېيدەك داڭلىقلاردىن باشقا، يەنە گۇڭ سۈنزەنمۇ بار. لۇجىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىر كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا، جېڭ شۇەن تېخىمۇ كاتتا بولۇپ، تارىختا ئۆچمەس ناملارنى قالدۇرغان، ئۇنىڭ داڭلىق شاگىرتلىرىدىن شى لۈ، ۋاڭ جى، سۈي يەن قاتارلىقلار بار. گۇڭ سۈنزەن كېيىن يوۋجۇ ئايمىقىنى بۆلۈۋالغان، شى لۈ، ۋاڭ جى، سۈي يەن قاتارلىقلار كېيىن ساۋ ساۋغا قوشۇلۇپ، زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

ليۇ بېي جەمەتىنىڭ ئەۋزەل ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىجتىمائىي بايلىقىغا تايىنىپ، جۇ ۋىلايىتىدە خېلى بۇرۇنلا نام چىقارغان. ئۇ گەرچە كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرمىسىمۇ، ئەمما مەردانە پالۋانلاردىن بولۇشنى ياخشى كۆرگەچكە، ھەر قايسى يولدىكى قەھرىمان ئەزىمەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردە مول كاپىتال توپلىغان، بۇ ئۇنىڭ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئوردىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭىنى تىنچىتىش قوشۇنىغا قوشۇلۇشىنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىن ئەتكەن.

ليۇ بېينىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئوبرازى

2. ئەڭ بۇرۇن ليۇ بېيغا ئەگەشكەنلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پەقەت گۇەن يۈ ۋە جاڭ فېيلا ئەمەس

ليۇ بېيغا ئەڭ بۇرۇن ئەگەشكەن ئادەم تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دەرھال گۇەن يۈ بىلەن جاڭ فېينى ئېسىگە ئالىدۇ. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دە، گۇەن يۈ خېدۇڭنىڭ مۇرەسسە قىلغۇچىسى بولۇپ، يۇرتىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جۇ ۋىلايىتىگە قېچىپ كەتكەن، ئاخىرىدا ليۇ بېي بىلەن دوست بولۇپ قالغان. جاڭ فېي ھەقىقىي جۇ ۋىلايىتىدىن بولۇپ، كىچىك چېغىدىلا ليۇ بېي بىلەن تونۇشاتتى، دوستلىقىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. ليۇ بېي جۇ ۋىلايىتىدىن بىر قوشۇن تارتىپ چىققاندىن كېيىن، گۇەن يۈ بىلەن جاڭ فېي بىرلىكتە ليۇ بېينىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، بۇ ئۈچەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئاكا-ئۇكىلاردەك يېقىن بولغاچقا، ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دىكى يانداش رولچى جيەن يۇڭمۇ ئەڭ بۇرۇن ليۇ بېيغا ئەگەشكەن كىشى ئىدى. جيەن يۇڭمۇ جۇ ۋىلايىتىدىن بولۇپ، كىچىك چېغىدىلا ليۇ بېي بىلەن تونۇشاتتى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن قويۇق ئىدى. جيەن يۇڭ ۋە گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ليۇ بېي ئۈچۈن خىزمەت قىلدى، بۇمۇ ليۇ بېينىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئانچە ناچار ئەمەسلىكىنى، ليۇ بېينىڭ جۇ ۋىلايىتىدە ئابرۇيى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

3. ليۇ بېينىڭ ئاچچىقى يامان، ئۇرۇش قىلىشنىمۇ بىلىدۇ

«ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دە، ليۇ بېينىڭ خاراكتېرى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دىكىدەك رەھىمدىل ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مىجەزى ئىنتايىن قوپال. ليۇ بېي ئەن شى قورۇقچىسى بولغان چاغدا، تۇتۇق بېگىگە پارا بەرمەكچى بولغان، نەتىجىدە تۇتۇق بېگە ناھايىتى دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، ليۇ بېينى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ليۇ بېي دەرغەزەپكە كېلىپ، دەرھال ئادەم باشلاپ تۇتۇق بېگىنىڭ تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ۋە ئۇنى باغلاپ، قايتىدىن بىر قېتىم ئۇرۇپ، ئاندىن ئەمىلىدىن ۋاز كېچىپ كېتىپ قالغان. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە، بۇ ئىش جاڭ فېيغا ئارتىلىپ قالغان.

ليۇ بېيمۇ ھەربىي ئىشلارنى چۈشەنمەيدۇ ئەمەس، ئۇنىڭ يىلىڭ جېڭىدىكى ۋۇ قوشۇنىنى ئازدۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان، كېيىن بۇنى لۇ شۈن بىلىپ قالغان. ئەلۋەتتە، ليۇ بېينىڭ ھىيلىسىنى بىلەلەيدىغانلارمۇ، بىلەلمەيدىغانلارمۇ بار. ليۇ بېي ليۇ بياۋغا بېقىنغاندىن كېيىن، شىنيېنى ساقلىغان بولۇپ، بوۋاڭدا قەستەن قېچىپ كېتىپ، شيا خوۋدۇننى ئۆزىگە قوغلاپ زەربە بېرىشكە ئېزىقتۇرغان، ئاندىن كېيىن، ليۇ بېي بۆكتۈرمە قويۇپ شيا خوۋدۇنگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ئارقىلىق زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ ئىش ليۇ بېينىڭ جۇ گېلىياڭنىڭ كەپىسىگە ئۈچ قېتىم بېرىشىدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن، شۇڭا جۇ گېلياڭ بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق.

4، گۇەن يۈ ئادەتتىكى ئادەم، شۇنداقلا ئاياللارغا يېقىن.

گۇەن يۈ «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە بىر ئەزىمەت دەرىجىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئۇ قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ كامالەتكە يەتكەن، ئاياللارغا يېقىن يولىمايدۇ، بولۇپمۇ بەش ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ساۋ ساۋنىڭ ئالتە سانغۇنىنى ئۆلتۈرۈش جەريانىدا، ئىككى يەڭگىسىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھالبۇكى، گۈەن يۈن نىڭ بەش ئۆتكەلدىن ئۆتكىچە ساۋ ساۋنىڭ ئالتە سانغۇنىنى ئۆلتۈرۈشى ئويدۇرما، گۇەن يۈنىڭ ئاياللارغا يېقىن بولماسلىقىمۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، ئادەمدە ئارزۇ-ئىستەك، ھەۋەس بولىدۇ، گۈەن يۈمۇ تەبىئىيكى ئادەملەردە بولۇشقا تېگىشلىك نورمال ھېسسىياتتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.

«ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دە، ليۇ بېي بىلەن ساۋ ساۋ بىرلىشىپ لۈ بۇغا ھۇجۇم قىلغاندا، گۇەن يۈ ساۋ ساۋغا شياپى بالىقنى ھۇجۇم بىلەن ئالغاندىن كېيىن، لۈ بۇنىڭ سانغۇنى چىن يىلۇنىڭ خوتۇنى دۇشىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ھەممىگە ئايانكى، ساۋ ساۋ دۇشىنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى، قوشۇن بالىققا كىرگەندىن كېيىن، ساۋ ساۋ دۇشىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ، دۇشىنى ئۆزىگە توقال قىلدى، يەنە دۇشىنىڭ ئوغلى چىن لاڭنى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالدى. گۈەن يۈ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايالىنىڭ ساۋ ساۋ تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىشىگە قاراپ تۇردى، ئۇ غەزەپلەنسىمۇ گەپ قىلالمايتتى، بۇ ئۇنىڭ ليۇ بېينىڭ ئىز-دېرىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ساۋ ساۋدىن ئايرىلىپ، ليۇ بېينىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

5، گۈەن يۈ يەن لياڭنى ئۆلتۈردى، ئەمما خۇا شيۇڭ بىلەن ۋېن چۇنى ئۆلتۈرمىدى

«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە، خۇاشيۇڭ، يەن لىياڭ ۋە ۋېنچۇلارنى ئۆلتۈرۈش گۈەن يۈنىڭ نامىنى چىقارغان ئۈچ چوڭ ئىشى بولۇپ، بۇ شۇنىڭدىن كېيىن گۈەن يۈنىڭ ئۆزىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان دەسمايىسىغا ئايلانغان. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دە، يەن لياڭنى ھەقىقەتەن گۈەن يۈ ئۆلتۈرگەن، يۈەن شاۋ ئۇلۇغ سانغۇن يەن لياڭنى شەرقىي ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسى ليۇ يەنگە ھۇجۇم قىلىشقا، ساۋ ساۋ بىلەن ليۇ بېي جاڭ لياۋ ۋە گۈەن يۈنى ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. گۇەن يۈ يەن لياڭنىڭ تۇغىنى كۆرۈپ، ئاتنى قامچىلاپ، قوشۇننىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. بىراق، خۇا شيۇڭنى سۈن جيەن ئۆلتۈرگەن، ۋېن چۇنىڭ ئۆلۈمىمۇ گۈەن يۈ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇ ۋاقىتتا، گۈەن يۈ ئاللىقاچان ساۋ ساۋدىن ئايرىلغان، كېيىنكى يەنجىن ئۇرۇشىدا، ۋېن چۇ ساۋ ساۋنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچراپ جەڭدە قازا قىلىدۇ.

6، شىڭياڭ ئۇرۇشىدا ھەرقايسى بەگلىكلەر بىرلەشمە قوشۇنى جەڭ قىلغان بولۇپ، ساۋ ساۋ يالغۇز جەڭ قىلمىغان

ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى دۇڭ جوغا جازا يۈرۈشى قىلىش جەريانىدا، كىشىلەرگە ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى پاسسىپ ھالدا جەڭگە ئاتلانغاندەك تۇيغۇ بەرگەن، پەقەت ساۋ ساۋلا ئەڭ ئاكتىپ بولغان. دۇڭ جو خەن شيەندىنى تۇتقۇن قىلىپ پايتەختنى چاڭئەنگە كۆچۈرگەندىن كېيىن، ساۋ ساۋ يەككە-يېگانە جەڭ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن، نەتىجىدە شىڭياڭنىڭ بيەنشۈي دېگەن يېرىدە شۈ رۇڭ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ساۋ ساۋ گەرچە جەڭدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرۈپ تۇرغان ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ بىرلەشمە قوشۇنلىرىدىن كۆپ كۈچلۈك ئىدى. ئەمەلىيەتتە، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دىكى ئاساسىي مەزمۇن ۋە ئىزاھاتلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۇنىۋېرسال رەتلىگەندە، شىڭياڭ ئۇرۇشى ھەرقايسى بەگلىكلەر بىرلەشمە قوشۇنى ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىكى، شۈ رۇڭنىڭ ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىش جېڭى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ قېتىمقى جەڭدە ساۋ ساۋ 5000 ئەسكەر، ۋېي زى 3000 ئەسكەر، جوۋ شى 2000 ئەسكەر، باۋ شىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقارغان، بۇنىڭدىن باشقا يۈەن شاۋمۇ ئەسكەر چىقارغان، لېكىن كونكرېت سانى ئېنىق ئەمەس، ھەرقايسى بەگلىكلەر بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ جەمئىي 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىدى، نەتىجىدە ۋېي زى بىلەن باۋ شىننىڭ ئىنىسى باۋ تاۋ جەڭدە قۇربان بولىدۇ، ساۋ ساۋ بىلەن باۋ شىن يارىلىنىدۇ، ھەرقايسى بەگلىكلەر بىرلەشمە قوشۇنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھالاك بولىدۇ. ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى مۇشۇنداق ئېغىر چىقىم تارتقان جەڭنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن دۇڭ جوغا پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش ئويى پەيدا بولغان، روشەنكى، ساۋ ساۋ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى، نەۋرىلىرى جاھانغا خوجا بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ تۆھپىسىنى قەستەن يوققا چىقارغان.

7. ليۇ بېي بىلەن شيا خوۋيۈەن كۆرۈنۈشتە دۈشمەن، ئەمەلىيەتتە قۇدىلىق مۇناسىۋەتتە

ھەممىگە ئايان، شيا خوۋيۈەن دىڭجۈنشەندە ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە ليۇ بېينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، شۇڭا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، شيا خوۋ ئائىلىسى بىلەن ليۇ ئائىلىسى رەقىبلەردىن ئىدى. گاۋ پىڭلىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، شيا خوۋيۈەننىڭ ئوغلى شيا خوۋبا شۇ پادىشاھلىقىغا پاناھ ئىزدەپ بارغاندا، ليۇ چەن شيا خوۋبانى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالىدۇ، ليۇ چەن شيا خوۋيۈەننىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۆز ئوغلىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ شياخوۋ جەمەتىنىڭ جىيەنى» دەيدۇ. ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن شيا خوۋباغا تېخىمۇ ئامراقلىق قىلىدۇ.

ئەسلىدە، جاڭ فېي جيەنئەن سەلتەنىتىنىڭ 5-يىلى شيا خوۋبانىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئالغان، جاڭ فېي بىلەن شيا خوۋ ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، يەنە ئىككى چىرايلىق قىزىمۇ بار ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ليۇ چەننىڭ خانىشى بولغان. شۇڭا، ليۇ چەن جاڭ فېينىڭ كۈيئوغلى، جاڭ فېي يەنە شيا خوۋيۈەننىڭ كۈيئوغلى، ليۇ ئائىلىسى بىلەن شيا خوۋ ئائىلىسى مانا مۇشۇنداق تۇغقانلاردىن بولۇپ قالغان.

8. جۇ گېلياڭ تاغ-دالىدا ياشايدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى ليۇ بياۋ بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار

نۇرغۇن كىشىلەر جۇ گېلياڭنىڭ چىرايى كۆرۈمسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئايالى خۇاڭ شى (خۇاڭ شى ئادەتتە خۇاڭ يۆيىڭ دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ ناھايىتى تالانتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، خۇاڭ شىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى خۇاڭ چېڭيەن. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە، خۇاڭ چېڭيەن لۇ شۈننى «سەككىز قوۋۇقلۇق سەپ شەكلى» دىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان (بۇمۇ روماننىڭ ئويدۇرمىسى، راست دەپ قاراشقا بولمايدۇ). ئۇنداقتا، خۇاڭ چېڭيەننىڭ خوتۇنى، يەنى جۇ گېلياڭنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

خۇاڭ چېڭيەننىڭ ئايالى سەي شى بولۇپ، سەي شىنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى ليۇ بياۋ، سەي شىنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىنىسى سەي ماۋ ئىدى. ھەممەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى باغلانغاندىن كېيىن، ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقايمىزكى: جۇ گېلياڭنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشى دەل ليۇ بياۋ!

ئەمەلىيەتتە، جۇ گېلياڭ داڭلىق شەخسكە ئايلانغاندىن كېيىن ۋە ئۇ جىڭجوۋ ئايمىقىنىڭ يەرلىك داڭلىق ئەربابى خۇاڭ جەمەتى بىلەن تويلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ تەبىئىيلا جىڭجوۋ ئايمىقىنىڭ مەشھۇر زاتلار چەمبىرىكىگە سىڭىپ كەتكەن. جۇ گېلياڭنىڭ نېمە ئۈچۈن خۇاڭ جەمەتىگە، يەنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى ليۇ بياۋغا ياردەم قىلماي، بەلكى سىرتتىن كەلگەن ليۇ بېيغا ياردەم قىلغانلىقى بىزگە نامەلۇم.


分享到: