新闻详情

​ئېمما ھامىلىدار بولۇپ قىلىپ كىنودىن چېكىنىپ چىقتى

发表时间:2020-12-04 04:14作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى




بۈگۈن ئېمما ستون (Emma Stone) قويۇلۇش ۋاقتى سەۋەبلىك يېڭى فىلىم «بابىلۇن» (巴比伦) دىن چېكىنىپ چىقتى، بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى دەل ئۇنىڭ ئوسكار خانىشىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن دامىن چازېللى بولۇپ، ئۇ «مۇھەببەت شەھىرى» (爱乐之城)، « دۇمباقچى» (爆裂鼓手) قاتارلىق نادىر كىنولارغا رېژىسسورلۇق قىلغان.

بۇ خەۋەرگە قارىتا، نۇرغۇن كىنو مەستانىلىرى ئېمما ستونغا ئېچىندى، دامىن چازېللى رېژىسسورلۇق قىلغان كىنولارنىڭ ئوسكار مۇكاپاتىغا زەربە بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ، بىراق، ئېمما ستون ھازىر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ.

«بابىلۇن» ناملىق كىنونىڭ ئارتىسلار سېپىدىن چېكىنىپ چىققانلاردىن ئېمما ستوندىن باشقا يەنە براد پىتمۇ بار، بۇ فىلىم ھازىر 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلۇشقا بېكىتىلدى، خامچوتى 100 مىليون دوللار ئەتراپىدا.

فىلىمنىڭ ھېكايىسى 1920-يىللاردىكى ھوللىۋودقا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئېمما ستون ئەسلىدە ھوللىۋودنىڭ تۇنجى تەنناز خانىشى كىلارا بوۋ (Clara Bow) رولىنى ئالماقچى بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر «ئۇ» (它) ناملىق فىلىم سەۋەبلىك كىلارا بوۋغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. براد پىت بولسا بىر توقۇلما رولنى ئالماقچى بولغان.

ئېمما ستون بۇ فىلىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، «جوكېر قىز» مارگوت روببىنىڭ فىلىمدە رول ئېلىشىدىن ئۈمىد بار، «جوكېر قىز» نىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە جەزبىدارلىقىمۇ ئېمما ستون ئالماقچى بولغان رولغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، مەستانىلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ كىنودا رول ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

«بابىلۇن» ئارتىسلىرىنىڭ سېپى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، كىشىلەرنىڭ كىنوغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشىمۇ «مۇھەببەت شەھىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ فىلىم ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى، ئەڭ نادىر سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ساھەسىدىكى نادىر فىلىم بولۇپ قالدى.


分享到: