新闻详情

چەتئەللىك بىلەن توي قىلغان ھىندىستان چولپانلىرى

发表时间:2020-12-07 22:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

كىشىلەر دائىم مۇھەببەتنىڭ چىگراسى يوق دەيدۇ، بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ بۇنىڭ ئىسپاتىنى تاپقىلى بولىدۇ. تۆۋەندە چەتئەللىك بىلەن توي قىلغان بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

پرىيانكا چوپرا جوناس

«دۇنيا خانقىزى»، بوللىۋود چولپىنى پرىيانكا چوپرا بوللىۋودتىلا ئەمەس ھوللىۋودتىمۇ داڭق چىقارغان. ئەزەلدىن دادىل پرىيانكا چوپرانىڭ ئىلگىرى بوللىۋودتا بىرقانچە داڭلىق چولپان بىلەن ئۆسەك خەۋىرى چىقىپ قالغان. ئۇ كېيىن خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بوللىۋودتىن ھوللىۋودقا يۆتكىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ناخشا گۇرۇپپىسى «جوناس قېرىنداشلار»نىڭ ئەزاسى نىك جوناس بىلەن مۇھەببەتلەشتى. دەسلەپتە بۇ ئاچا-ئىنى مۇھەببەتكە كۆپىنچى كىشىلەر ئانچە چوڭ ئۈمىد باغلىمىغان بولۇپ، لېكىن ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئۇلار مۇھەببەتلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھىندىستاندا كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ توي قىلدى. تويدىن كېيىنمۇ خېلى ئىجىل-ئىناق ئۆتمەكتە.

رادىكا ئاپتى

تالانتلىق ئارتىس رادىكا ئاپتى ئۆزىنىڭ يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن تونۇلغان. ئۇ رول ئېلىش ماھارىتىگە بولغان تەلىپى كۈچلۈك ھەرخىل بەدىي فىلىملەر ۋە نەتفىلىكس تىياتىرلىرىدا رول ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. فىلىم تاللاش ئۇسلۇبى جەھەتتە رادىكا ئاپتى بىر تىپىك بولمىغان بوللىۋود ئارتسى، ھەتتا ئۇنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئەنگلىيەلىك مۇزىكانت بېنېدىنت تايلور بىلەن توي قىلغان. رادىكا 2011-يىلى لوندوندا ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى ئۆگەنمەكچى بولغاندا بېندىكت بىلەن تونۇشقان. ئۇلار تونۇشۇپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا توي قىلغان، لېكىن ئۇ توي قىلغانلىقىغا شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۆتكەن يىللاردا ئۇنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشى كىنو مەستانىلىرى ئۈچۈن بىر سىر ئىدى.

رادىكا ئاپتى ھازىر يولدىشى بىلەن ئايرىم-ئايرىم جايدا تۇرىدۇ. لېكىن ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپىگە تەلەپچان رادىكا بۇ ئىككى ئىشنى مۇكەممەل تەڭشەپ كېتىپ بارماقتا.

سانني لېئون

بوللىۋود ئارتىسى سانىي لېئون لوس ئانژېلېسلىق گىتارچى دانىيىل ۋېبىېر بىلەن توي قىلغان. ئىلگىرى شەھۋانىي فىلىم ئارتىسى بولغان ساننىي ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن بوللىۋودتا كىنو كەسىپىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆتمۈشى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. دانىيل بۇ جەھەتتە ئىزچىل ئۇنى قوللاپ كەلمەكتە.

پرىتى زىنتا

چەتئەللىكە ياتلىق بولغان ئايال ئارتسىلار ئارىسىدا كۆپچىلىك ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلغىنى، ھەمدە ئەڭ داڭلىقى دەل پرىتى زىنتا. پرىتى 2000-يىللارنىڭ بېشىدىكى بوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق ئايال ئارتسىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 2016-يىلى ئۇزۇن يىللىق ئوغۇل دوستى، پۇل-مۇئامىلە ئانالىزچىسى جېنې گودئېناف بىلەن توي قىلغان. پرىتى بىلەن جېنې بەش يىل مۇھەببەتلەشكەن، جېنې ھەتتا پرىتىنىڭ سابىق ئوغۇل دوستى نېس ۋادىيانى ئەرز قىلىشىنى قوللىغان.

لىزا رېي

لىزا ئەزەلدىن چوڭقۇر تېمىدىكى فىلىملەرنى تاللىشى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ 2012-يىلى ئامېرىكىلىق سودىگەر جېيسىن دېخنى بىلەن توي قىلغان. 2009-يىلى لىزانىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان، ئۇ كېسەل بولۇپ قالغان بۇ مەزگىلدە جېسىن ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن.

سېلىنا جايتلېي

«ھىندىستان خانقىزى»، بوللىۋود ئارتىسى سېلىنا جايتلېي ئاۋسترىيەلىك سودىگەر پېتېر خاگ بىلەن توي قىلغان. تويدىن كېيىن سېلىنا ئاساسەن فىلىم ئىشلەشتىن توختىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۈچ بالىسىنى تەربىيلىمەكتە.


分享到: