新闻详情

بۇ چولپان يۇقۇمدا 7 تۇققىنىدىن ئايرىلدى

发表时间:2020-12-07 22:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA ئورمان بۆرىسى كوماندىسىدىكى داڭلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچى كارل ئانتونى توۋىنس بۇ بىر يىل ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبلىك ئارقا-ئارقىدىن يەتتە نەپەر قېرىندىشىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئانىسىمۇ بار.

كىشىنى تولىمۇ ئازابقا سالىدىغان بۇ ئەھۋال تېخى ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن بۇ توپچىنىڭ بېشىغا كەلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىر يىل ھەقىقەتەن قاباھەتلىك بىر يىل بولۇپ قالدى.

تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توۋىنس ئۆزىنىڭ ۋاسكېتبول ئوينىشىنىڭ سەۋەب دەل ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ھەر قېتىم مۇسابىقە جەريانىدا توپ كىرگۈزۈشى، غەلىبە قىلىشى، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئۆسۈپ يىتىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىگە ھەمدەمدە بولغان بولۇپ، ئۇلار توۋىنسنىڭ ھازىرقىدەك ياراملىق بىر توپچىغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن خۇشال ئىدى، توۋىنسمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇنچە خۇشال بولغانلىقىدىن قانائەت ھاسىل قىلاتتى.

زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى:

«مەن ھەر قېتىم ئاپامنىڭ نەق مەيداندا مەن ئۈچۈن مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولاتتىم. لېكىن ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، كېيىنكى مۇسابىقىلەر مەن ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن، ۋاسكېتبول مېنىڭ ھازىرقى ھالەتتىن قۇتۇلدۇرىدۇ دەپ قارىمايمەن، چۈنكى مەن ھەر قېتىم توپ ئوينىغاندا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە ئۆتكەن شۇ كۈنلەر، خۇشاللىق دەقىقىلەرنى ئەسلەيمەن.»

ھازىر مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشمۇ ئۇنى خۇشال قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم غەلىبە قىلغاندا خۇشاللىقتا ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بۇ خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولاتتى، لېكىن ھازىر ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقلىرىغا ھەمدەم بولىدىغان ھېچكىم يوق.

مۇسابىقە جەريانىدا ئۇ ھەر قېتىم توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن ئەتراپقا سەپسېلىپ قارايدۇ ۋە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئاپىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خۇشال بولغان سىماسىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئەمدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش خۇشاللىقتا چۇقان سېلىشىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە ئاڭلىيالمايدۇ.

ھەر قېتىم مەستانىلەر ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقى، كەمسىتىشى ۋە گۇمانى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەمدى ئۇنىڭغا «ئوغلۇم، سەن ھەممىدىن قالتىس!» دەيدىغان ئادەم يوق.

ئادەتتە كىشىلەر ئائىلىسىدە بۇنىڭدەك ئازاپلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئىككى خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، بىرى تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ تۈگىشىپ كېتىدۇ، يەنە بىرى بولسا تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ يۇقىرى تەرەققىياتلارنى كۈتۈۋالىدۇ ۋە كەسپىي ھاياتىدىكى يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىدۇ.

لېكىن توۋىنسنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بەلكىم ئۇ بىرلەشمىگە يېڭى قەدەم قويغان ۋاقىتتا قالغان بولىشى مۇمكىن. 2015-يىلى ئورمان بۆرىسى كوماندىسى بۇ قالتىس ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنى تاللىغاندا، ھەممەيلەن گارنېتنىڭ ئىزباسارى كەلدى دېيىشكەن ئىدى. چۈنكى ئۇ نومۇر ئالالايتتى، گاردىن قايتقان توپ تالىشالايتتى، ياردەمچى پاس بېرەلەيتتى، شۇنداقلا ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزەلەيتتى. بۇ جەھەتلەردىن قارىغاندا ئۇ ئېنىقلا كەلگۈسىدىكى ئەڭ قالتىس ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلاردىن بولۇپ قالاتتى.

لېكىن ئاللىقاچان بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئورمان بۆرىسى كوماندىسى پەقەت باتلېر بار ۋاقىتتا بىر قېتىم پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە قەدەم قويالىدى، گەرچە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەستانىلەر ئۇنىڭدىن يەنىلا رازى ئەمەس ئىدى.

ھازىرقى ئېگىز بولۇق توپچىلاردىن ئېمبىد ۋە يوكىچ قاتارلىقلار ئىزچىل ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇلدى، چۈنكى رىقابەت كەسكىن بولغان بۇ ساھەدە نەتىجە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ياشتىكى يوكىچ ئاللىقاچان ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسىنىڭ يادرولۇق توپچىسىغا ئايلاندى ۋە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن كوماندىنى باشلاپ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە كاتېر كوماندىسىنى شاللىدى، كۆل ئادىمى كوماندىسىغا زور بېسىم قىلدى. ئېمبىد بولسا ئاللىقاچان شەرقىي رايوندىكى ئەڭ قالتىس ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئۇنىڭدىن باشقا تېخى ئەمدىلا كەسپىي ھاياتىنىڭ 3-مۇسابىقە پەسلىگە قەدەم قويغان ئوت كوماندىسى يادرولۇق ئەزاسى ئادېبايو ئاللىقاچان ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى. چوڭ ھۇجۇمچى ئورنىدىكى ئانتونى داۋىسمۇ ئېگىز بويلۇق توپچىلار ئىچىدە قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى.

2020-يىلى ئاخىرلىشىشقا يەنە 20 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، بۇ يىل كىشىلەر نۇرغۇن ئازاپلارنى باشتىن كەچۈردى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، يىل ئاتلىغاندىن كېيىن ھەممەيلەننىڭ يېڭىچە قىياپەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمىز!


分享到: