新闻详情

مېسسى بارسېلونادا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ؟

发表时间:2020-12-08 21:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

بارسېلونا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى 10 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە پەقەت تۆت مەيدان غەلىبە قىلىش، ئىككى مەيدان تەڭلىشىش، تۆت مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىنى ياراتتى. توپ كىرگۈزۈش قىيىن بولۇش بارسېلونا يادروسى مېسسى ئۈچۈن چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، مېسسىنىڭ ياردەمچى پاس بېرىش سانىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى، يەنى بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇ تېخىچە ياردەمچى پاس چىقىرىپ باقمىدى.

ئەجىبا توختام مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلى بولغاچقا مېسسى ئاللىقاچان بارسېلونادىن ئۈمىد ئۈزۈپ خىيالى قاياقلارغا كېتىپ بولغاندىمۇ؟ مېسسىنىڭ ئويلايدىغىنى مانچېستېر شەھىرىمۇ ياكى پارىژ سانت گېرمانمۇ؟ مېسسىنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالغا قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب زادى نېمە؟ مېسسىغا بولغان نارازىلىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ داڭلىق چولپان تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالدى.

يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى 17 مەيدان تۈرلۈك مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى توپ كىرگۈزدى

ھەممەيلەن مېسسىنى بىر نەپەر كۆپ تەرەپلىمىلىك توپچى، ئۇ ھەم توپ كىرگۈزەلەيدۇ، ھەم ياردەمچى پاس بېرىپ كوماندىغا كۈچ قوشالايدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن تېخىمۇ ئىنچىكە نۇقتىلاردىن قارايدىغان بولساق، مېسسىنىڭ بارسېلوناغا قوشقان كۈچى يەنىلا توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە روشەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئۆتكەن بەش مۇسابىقە پەسلىدە توپچىلارنىڭ قاپقىغا توپ تىپىش قېتىم سانى سېلىشتۇرمىسىدىن قارىغاندا، مېسسىنىڭ توپ كىرگۈزۈش سانى 174 توپ مۆلچەرلەنگەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە مېسسى 264 مەيدان مۇسابىقىدە 223 توپ كىرگۈزۈپ، بۇ جەھەتتە كرىستيانو رونالدو (249 مەيدان مۇسابىقىدە 227 توپ كىرگۈزۈش) بىلەن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا بارسېلونا ئورگان تورىدا مېسسىنىڭ يەككە كۇلۇب ئۈچۈن توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە «پۇتبول شاھى» پېلىنىڭ رېكورتى (643 توپ) بىلەن تەڭلىشىشكە يەنە 16 توپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھەممەيلەن مېسسىنى ناھايىتى تېزلا بۇ قالتىس نەتىجىنى يارىتىدۇ دەپ قارىغان ئىدۇق، ئەپسۇس بۇ يىل ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ تارىخى نەتىجىنى تېخىچە تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتمەكتىمىز!

يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مۇسابىقىلەر ۋە يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە مېسسى جەمئىي 14 توپ كىرگۈزدى، پېلىنىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلىشىشكە يەنە ئىككى توپ قالدى. مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ ھازىرغىچە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە پەقەت كادىز، ھېرېس ۋە خانلىق مۇرسىيا قاتارلىق ئۈچ كوماندىغا توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان بولۇپ، ئالدىنقى مەيدان كادىز بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھەممەيلەن مېسسىنىڭ يۇقارقى تارىخى نەتىجىنى يارىتىشىنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن مېسسى ھەممەيلەننى ئۈمىدسىزلەندۈردى.

مېسسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي يەتتە توپ كىرگۈزدى، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە بەشى نۇقتا توپ. ئۇنىڭدىن باشقا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزدى، ھەممىنى قوشقاندا، مېسسى يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان 17 مەيدان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نۇقتا توپنى چىقىرۋەتكەندە پەقەت ئىككى توپ كىرگۈزدى.

بىلىشكە تىگىشلىكى شۇكى، مېسسى بۇ ئىككى توپنى بارسېلونا خانلىق بېتىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 1:3 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە، شۇنداقلا ئوساسۇنا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 0:3 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ۋاقىتتا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككى توپنىڭ قىممىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.

مېسسى سەپداشلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى

مېسسىنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلە بولسا، ئالدى بىلەن مېسسىنىڭ ئۇسلۇبىدا ئۆزگىرىش بولدى، يەنى ئىلگىرى رەقىبلىرى ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ لېكىن مېسسىنى توسالمايتتى، لېكىن مېسسىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەۋزەللىككى تۆۋەنلەپ كەتتى، رەقىبلىرى ئۇنىڭ ماھارەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتتى، شۇڭلاشقا مېسسىنى مۇداپىئە قىلىش ئىلگىرىكىدەك قىيىن ئەمەس.

يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا مېسسى ئىلگىرىكى سەپداشلىرىدىن ئايرىلدى، يەنى سۇئارېز، ۋىدال، نېيمار، شاۋى ۋە ئىنېستا قاتارلىقلار بولمىغان ئەھۋالدا، مېسسى بارسېلونادا قوللاشقا ئېرىشەلمىدى.

كۆپلىگەن مەستانىلەر مېسسىنى مۇسابىقە جەريانىدا «سەيلە قىلىدۇ» دەپ نارازى بولماقتا، لېكىن ئىنچىكە نۇقتىلاردىن قارايدىغان بولساق، ئەگەر مېسسى ھۇجۇم قوزغاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغاندا، ئەسلىدە پۈتۈن بارسېلونا سەپ شەكلى ئالدىغا سۈرۈلەتتى، لېكىن ھازىر ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونىغا قاراپ ئاتلىنىدىغان توپچىلاردىن پەقەت فاتى ۋە پېدرى بار، باشقا توپچىلار ئانچە يۆتكەلمەيدۇ، مانا بۇ مېسسىنىڭ «سەيلە قىلىشى»دىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولالايدۇ.

يۇقارقى ئىستاتېستىكا مەلۇماتىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مېسسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە جەمئىي 66 قېتىم قاپقىغا توپ تەپكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش قېتىملىق نۇقتا توپنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇ جەمئىي 61 قېتىم قاپقىغا توپ تىپىپ پەقەت ئىككى توپ كىرگۈزدى.

ھازىر رەقىبلىرىنىڭ مېسسىنى مۇداپىئە قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىدىن، ئاز بولغاندا ئىككى توپچى مېسسىنى نۇقتىلىق مۇداپىئە قىلىش، ئىككىنچىدىن، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بارسېلونا سول ھۇجۇم ئورنىدىكى توپچىلار بىلەن مېسسىنىڭ ماسلىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يەنى بۇ ئارقىلىق مېسسىنىڭ ياردەمچى پاس بېرىش خىيالىنى بىتچىت قىلىش.

يۇقارقى رەسىمدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، كادىز كوماندىسى توققۇز توپچى مۇداپىئەگە قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ئالدىدا ئۈچ توپچى مېسسىنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىش ئارقىلىق مېسسىنىڭ پاس بېرىشىنى توسقان، كېيىنكى ئىككى قاتاردىكى ئالتە توپچى بولسا مېسسىنىڭ بۆسۈپ كىرىشىنى ساقلاپ تۇرغان.

زادى پارىژ سانت گېرمانمۇ ياكى مانچېستېر شەھىرىمۇ؟

بارسېلونا ۋە مېسسى ئوتتۇرىسىدا پەقەت يېرىم يىللىق توختام قالدى، يەنە بىر ئايدىن كېيىن مېسسى ئۆز ئىختىيارىلىقى بويىچە باشقا كوماندىلار بىلەن يۆتكىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشسە تامامەن بولىدۇ. يېقىندا بارسېلونا ۋاقىتلىق باشقۇرۇش ھەيئەت كومىتېتى رەھبەرلىرى مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بارسېلونا ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھازىر مېسسىنىڭ بارسېلونادا قېلىش ئېھتىماللىقى ھەقىقەتەن تۆۋەن، بەلكىم ئايرىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا پارىژ سانت گېرمان ھۇجۇمچىسى نېيمار ئاللىقاچان ئىپادە بىلدۈرۈپ، مېسسى بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كۇلۇب باشقۇرۇش قاتلىمىغا مېسسىنى قوشۇۋېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىكى ئاشكارىلىدى.

ئەكسىچە مېسسى ئۈچۈن تېخىمۇ ماس كېلىدىغىنى بولسا بەلكىم مانچېستېر شەھىرى بولىشى مۇمكىن. چۈنكى گۇاردىئولا مېسسىنىڭ ئۇستازى، يەنە كېلىپ مانچېستېر شەھىرىنىڭ مالىيە ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، مېسسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى مائاش ئېلىشى چوڭ مەسىلە ئەمەس، يەنە كېلىپ ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ تەسىر كۈچى ھەممەيلەنگە ئايان. ئالدىنقى قېتىم مانچېستېر شەھىرى گۇاردىئولا بىلەن توختام ئۇزارتتى، بەلكىم كېلەر يىلى 1-ئايدا ئۇلار مېسسىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتنى باشلىشى مۇمكىن.

خۇلاسە: «بارسېلونا پەقەت بىر كۇلۇبلا ئەمەس»، توغرا، بارسېلونا ئاللىقاچان پۇتبول دۇنياسىدىكى بىر خىل مەدەنىيەتكە ئايلاندى، مېسسى ۋە بارسېلونانىڭ بىرىكمىسى ۋە ماسلىشىشى ھەقىقەتەن پۇتبول دۇنياسىدىكى شېرىن چۈشكە ئوخشاش ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشماقتا. لېكىن بۇ چۈش ئەمدى ئاخىرلىشامدۇ؟ مېسسى راستىنلا بارسېلونادىن ئايرىلامدۇ؟ مېسسىدىن ئايرىلغان بارسېلونا قانداق قىلىدۇ؟ بارسېلونادىن ئايرىلغان مېسسىچۇ؟ بەلكىم ۋاقىت بۇنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋابى بولالايدۇ!


分享到: