新闻详情

مېسسى VS كرىستيانو رونالدو: تارىخى ئۇچرىشىش جەھەتتە مېسسى ئۈستۈنلۈكتە

发表时间:2020-12-08 21:39作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 4:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى زەردارى بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا ئىتالىيە بىرلەشمىسى زەردارى يۇۋېنتۇسنى كۈتۈۋالىدۇ، «قوش شاھ» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان مېسسى ۋە كرىستيانو رونالدو ئۆز كوماندىلىرىنى باشلاپ بىر مەيدان غەلىبە ئۈچۈن ئاتلىدۇ.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ئىككى گىگانىت چولپان بۇنىڭدىن بۇرۇن جەمئىي 35 قېتىم تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇچراشقان بولۇپ، ئىككى چولپاننىڭ بۇ جەرياندىكى نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

مېسسى: 16 مەيدان غەلىبە قىلغان، 22 توپ كىرگۈزگەن ۋە 12 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان.

كرىستيانو رونالدو: 10 مەيدان غەلىبە قىلغان، 19 توپ كىرگۈزگەن ۋە بىر قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان.


分享到: