新闻详情

بارسېلونا يۇۋېنتۇس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2020-12-08 21:50作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرىقى ئايلانمىسىدا، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بارسېلونا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، مېسسى باشچىلىقىدىكى توپچىلار تىزىملىككە تاللاندى، يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئارام ئېلىۋاتقان ئۇمتىتى تىزىملىككە قايتىپ كەلدى، پىك، دېمبېلې، روبېرتو ۋە فاتى قاتارلىق توپچىلار يارىلىنىش سەۋەبىدىن تىزىملىككە تاللانمىدى.

بارسېلونانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى:

قاپقىچى: تېرستېگېن (1-نومۇر)، نېتو (13-نومۇر)، پېنىيا (26-نومۇر)

بېك: دېست (2-نومۇر)، ئاراۋخو (4-نومۇر)، لېنگلېت (15-نومۇر)، ئالبا (18-نومۇر)، ئۇمتىتى (23-نومۇر)، فېرپو (24-نومۇر)، مىنگۇزا (28-نومۇر)

ئوتتۇرا مەيدان: بۇسكېس (5-نومۇر)، ئالېنىيا (6-نومۇر)، پيانىچ (8-نومۇر)، پۇيگ (12-نومۇر)، كوتىنھو (14-نومۇر)، پېدرى (16-نومۇر)، ماسېيۇس (19-نومۇر)، دېيوڭ (21-نومۇر)

ھۇجۇمچى: گرېزمان (7-نومۇر)، برەيسۋەيت (9-نومۇر)، مېسسى (10-نومۇر)، ترېنكاۋ (17-نومۇر)، كونراد (29-نومۇر)


分享到: