新闻详情

رونالدو چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مېسسىغا توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان

发表时间:2020-12-08 22:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇسنى كۈتۈۋالىدۇ، مېسسى بىلەن كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا ئالتىنچى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇچرىشىدۇ!

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مېسسى بىلەن ئوينىغان بەش مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان، شۇنداقلا بىرمۇ ياردەمچى پاس چىقىرىپ باقمىغان، بەش مەيدان مۇسابىقىدە بىر قېتىم ئۇتۇپ، ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن ھەمدە ئىككى قېتىم ئۇتتۇرغان.

مېسسى بىلەن كرىستىيانو رونالدونىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلىشىش ئەھۋالى:

2007/2008 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى: مانچېستېر بىرلەشمىسى 0:0 بارسېلونا

2007/2008 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشى: مانچېستېر بىرلەشمىسى 0:1 بارسېلونا

2008/2009 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: مانچېستېر بىرلەشمىسى 2:0 بارسېلونا

2010/2011 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى: خانلىق مادرىد 2:0 بارسېلونا

2010/2011 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشى: خانلىق مادرىد 1:1 بارسېلونا


分享到: