新闻详情

كومان: مېسسىنى تەنقىدلەش بەك ئاسان، مۇداپىئەدىكى خاتالىق ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس

发表时间:2020-12-08 22:37作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى يۇۋېنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن ئىلگىرى، بارسېلونا باش ترېنېرى كومان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ بارسېلونانىڭ كادىزغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولسىمۇ، يەنىلا مېسسى تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىدى.

كومان مۇنداق دېدى: «مېسسى كوماندىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى نۇرغۇن ھۇجۇملار ئۇنىڭدىن كېلىدۇ. ئۇنى تەنقىدلەش ھەمىشە ئەڭ ئاسان، چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى، يەنە بىر سەۋەب ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مۇداپىئەدىكى شەخسىي خاتالىقلار ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس».

«مۇداپىئەدە تېخىمۇ قاتتىق تۇرۇش كوماندىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بىز چوقۇم مۇداپىئە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، بىز دائىملا بۇنداق ئۇسۇلدا توپ كەتكۈزۈپ قويالمايمىز».

كومان رونالدو ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىزگە ئارتۇقچە ھاياجان ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئۇلار كۈچلۈك كوماندا، ئىككى كوماندا گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىنى تالىشىدۇ، كرىستىيانو رونالدو ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ئىزچىل توپ كىرگۈزىۋاتىدۇ، ئىزچىل جان تىكىپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئۇ كۈندىلىك مەشىققە تايىنىپ ناھايتى يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلاپ كەلدى. بىز چوقۇم ئۇنى ياخشى مۇداپىئە قىلىشىمىز كېرەك، بىز توپنى ياخشى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ تەھدىت پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك».

كومان يەنە مۇنداق دېدى: «مېسسى بىلەن رونالدو ئوخشاشلا شۇنداق سەۋىيىگە ئىگە، بۇ ئاجايىپ قالتىس ئىش. ئۇلار يېقىنقى يىللاردا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىسپاتلاپ كەلدى. ئۇلار ئوخشىمايدىغان ئىككى توپچى، ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار، كىمنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تالىشىپ يۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، ئەتە ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدىن بىللە ھۇزۇرلىنايلى».


分享到: