新闻详情

يېڭى كىنو تېلىفۇن ھەققىدە يېڭى بايانلار

发表时间:2020-12-09 17:27作者:سەركەردە来源:ئۈندىدار سالونى

فانتازىيەلىك فىلىم «كېپىنەك ئېففىكتى» (蝴蝶效应)دە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «بىرازىلىيە ئورمانلىقىدىكى كېپىنەك قانىتىنى شۇنچىكى بىر قاقسا ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدا قارا قۇيۇن چىقىدۇ». بىر كىچىككىنە ئىش ئىنساننىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ كىچىك ئىش بەلكىم بىر خىيال ياكى بىر تېلېفون بولۇشى مۇمكىن.

تەۋسىيە سەۋەبى: بىر مىنۇتنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىشقا كۆزىڭىز قىيمايدىغان ئەڭ يېڭى شۈركىنىشلىك فىلىم

فىلىم نامى: تېلېفون

فىلىم ۋاقتى: 112 مىنۇت

تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى: تۆت يۇلتۇز

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كورېيەنىڭ نۇرغۇن نادىر فىلىملىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «تېلېفون» فىلىمىمۇ بار بولۇپ، كىم جوڭسو، پاك شىنھېلار باش رول ئالغانىدى. مەزكۇر فىلىمنى مەيلى مونتاژ ياكى ئاۋاز ئۈنۈمى جەھەتتە بولسۇن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نادىر فىلىم دېيىشكە بولاتتى.

فىلىم كىنوخانىلاردا قويۇلۇشى بىلەنلا IMDB دە 8.4 نومۇرغا، دوۋبەندە 8.0 نومۇرغا ئېرىشتى. 20 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن ئۇرۇلغان تېلېفون، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن قەبىھ قاتىل... باش پېرسوناژ ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ-يوق؟ جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ھوزۇرىڭىزدا بولسۇن.

1.زامان ھالقىغان سىرلىق تېلېفون

2019-يىلى سو يون ئاپىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغانلىقتىن يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ شۇتاپتا كۆڭلى شۇنچىلىك پەرىشان ئىدى، 20يىل ئىلگىرى دادىسى بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئاپىسى مېڭە راكىغا گىرىپتار بولغانىدى. تەقدىر ئۇنىڭغا ئېغىر چاقچاق قىلىۋاتقاندەك بارلىق كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەتراپىدىن چۆرگىلەپ كېتەلمەيۋاتتى.

سو يون ئالدىراپ يولغا چىققاچقا ئۆيگە كەلگەندە ئاندىن تېلېفونىنىڭ يۈتكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۆينى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، بىرتال نۇرغۇن يىللار بۇرۇنقى كونا نۇسخىدىكى تېلېفوندىن بىرنى تاپىدۇ. غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ تېلېفونغا پات-پات بىر ناتونۇش قىز تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزىۋېلىشنى ئۆتۈنەتتى.

ئۇلار تېلېفوندا پاراڭلىشىش جەريانىدا سو يون كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر مەخپىيەتلىكنى بايقايدۇ. ئۆزىگە تېلېفون قىلىۋاتقان قىزنىڭ ئىسمى يوڭ سوك بولۇپ، ئۇ قىزمۇ مۇشۇ ئۆيدە تۇرىۋاتقانىدى، غەلىتە يېرى يوڭ سوك ھازىر مۇشۇ ئۆيدە بولماستىن، بەلكى 20 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ ئۆيدىن سو يونغا تېلېفون بېرىۋاتاتتى.

سو يون 20 يىل كېيىنكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولغاچقا يوڭ سوكقا بىر-بىرلەپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە ئۆزىنىڭ سالاھىيتى ۋە تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى ئېيتىشىدۇ. يوڭ سوكمۇ بىر بىچارە قىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسى قازا قىلغاندىن كېيىن بىر ئايال بېقىۋالغانىدى. سو يون يوڭ سوكنىڭ 20 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بەلكىم ئۆزىنىڭ دادىسىنى ئاشۇ بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزالىشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

سو يوننىڭ دادىسى ئەينى ۋاقىتتا گاز ئوچاق پارتلاپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان بولۇپ، سو يون بىلەن يوڭ سوك ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقە يۈز بېرىدىغان ۋاقىتنى پەملەپ تۇرۇپ، يوڭ سوك نەق مەيدانغا بېرىپ سو يوننىڭ دادىسىنى قۇتقۇزىۋېلىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. ۋاقىت مىنۇت، سىكۇنتلاپ ئۆتۈۋاتاتتى... يوڭ سوك گاز ئوچاق پارتلاشتىن بۇرۇن گاز ئوچاقنى ۋاقتىدا ئېتىۋېتىدۇ، شۇ دەقىقىدە سو يوننىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئاشۇ قېتىملىق ئوتتىن قالغان تارتۇق يوقىلىدۇ، ئوتتىن كېيىن كۆيۈپ ئەسكىرەپ كەتكەن ئۆي يېپيېڭى ھالىتىگە قايتىدۇ. ئۇنىڭ دادىسىمۇ قايتىپ كېلىدۇ.

سو يوننىڭ كۆزلىرىدىن بەخت ياشلىرى تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ، ئۇ شۇتاپتا ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىنسان ھېسابلايتتى. ئۇ خۇشاللىقىدا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا يوڭ سوكقا تېلېفون قىلىپ چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چاغدا يوڭ سوكمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كەلگۈسىنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. خۇشاللىققا چۆمگەن سو يون بولسا قانداق قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى.

2. ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئالۋاستى

1999-يىلى يوڭ سوك بىر يېتىم بالا بولۇپ، بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسدا تۇراتتى. ئۇنى بېقىۋالغىنى بىر نورمال ئايال بولماستىن، بەلكى بىر ئادەم قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ئايال ئىدى.

ئايال ئۇنى ئۆيگە سولاپ ھەرخىل ئۇسۇللاردا قىينايتتى. يوڭ سوك بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. سو يون بۇ ئايالنىڭ 5-دېكابىر ئاخشام يوڭ سوكنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى تېلېفوندا ئېيتىدۇ.

بۇ ئىشنى ئاڭلاپ يوڭ سوك ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرمايدۇ. 5-دېكابىر كەچتە ئۇ قەستەن ئىشىكنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالىدۇ، شۇ پەيتتە ئايال كىرىپ، پۈتۈن قەھرى بىلەن كارىۋاتقا پىچاق ئۇرىدۇ. بۇنى كۆرۈپ يوڭ سوكنىڭ يۈرىكى پۈتۈنلەي مۇزلاپ، ئايالنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، بۇ ئۇ ئۆلتۈرگەن تۇنجى كىشى ئىدى.


ئىشنى تۈگىتىپ، سومكىسىنى ئېسىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ بازار ئايلىنىدۇ، خالىغاننى يەيدۇ، خالىغاننى كىيىدۇ. ئۇ تۇنجى قېتىم ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك بولىدۇ، ئۇ شۇ تاپتا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشكەنىدى.

بىراق بۇ خۇشاللىق مىنۇتلار ئۇزاققا بارمايدۇ، يېڭى بىر ئاۋارىچىلىق پەيدا بولىدۇ. ئۆزى بىلەن قوشنا ئولتۇرىدىغان يىگىت ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ توڭلاتقۇنى ئېچىپ ئىچىدىكى جەسەتنى كۆرۈپ قورققىنىدىن جان-پېنى چىقىپ كېتىدۇ.

يوڭ سوك ئىككىلەنمەستىن ئىككىنچى كىشىگە قول سالىدۇ. ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن قىلچىلىك قورقۇپ قالمايتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشلا بارئىدى. سو يون ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئادەم ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى سوراپ، ئۇنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ ۋە بۇ قاتىللىقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. بۇ چاغدا يوڭ سوك كۆڭلىگە يەنە بىر شۇملۇقنى پۈككەنىدى.

يوڭ سوك سو يوننىڭ دادىسىنى 20 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتا قۇتقۇزالىغان بولسا يەنە ئوخشاش ئۇسۇلدا پۈتۈن بىر ئائىلىنى خانىۋەيران قىلالايتتى.



«تېلېفون» ناملىق فىلىم «سىگنال» (信号) نۇسخىسىدىكى «كېپىنەك ئېففىكتى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، فىلىمدە 20 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن كەلگەن سىرلىق تېلېفون باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنغانىدى. بىر تېلېفون بىلەن ۋەيران بولغان بىر ئائىلە قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ، يەنە بىر سىرلىق قىزمۇ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. دەل مۇشۇ بىر تېلېفون سەۋەبىدىن ئىككى قىزنىڭ ھاياتىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئالۋاستى ئاخىرى ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، يېڭى بىر «كېپىنەك ئېففىكتى»(باش قەھرىماننىڭ ئۆتمۈشتىكى مەلۇم بىر كىچىك ئىشنى ئۆزگەرتىشى بىلەن سانسىز ئوخشىمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىپ، ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھاياتىدا ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولىدۇ.) باشلىنىپ كېتىدۇ. فىلىم مەزمۇنىمۇ جىددىيلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. شۇتاپتا يوڭ سوكنىڭ شۇملۇقلىرىنى ھېچنېمە توسۇپ قالالمايتتى. سو يوننىڭ ھاياتى شۇنىڭدىن كېيىن تۈپتىن ئۆزگىرىدۇ. ئىلگىرىكى ئارامبەخش، ئازادە ئۆيى تۇيۇقسىز كونا، ئەسكى «جەسەت ساقلاش ئۆيى»گە ئۆزگىرىپ قالىدۇ.

سو يوننىڭ دادىسى يەنە بىر قېتىم ۋەقەگە ئۇچرايدۇ، سو يوننىڭ كۆز ئالدىدىلا دادىسنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە قورقۇنچلۇق يارىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ، كەينىدىن ئاپىسىمۇ...

ئالۋاستىنى قويۇۋېتىش ئاسان بولغىنى بىلەن يوقىتىش ئۈچۈن قانلىق بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلەتتى. چۈنكى ئالۋاستى ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە كەلگەنىدى...

فىلىمنىڭ ئاخىرىدا ياخشى بىر ئاخىرلىشىش بولىدىغىنىغا ئاز قالغاندا رېژىسسورنىڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتنىمۇ قولدىن بەرمەي ھەممە پېرسوناژنى بىراقلا يوقىتىۋەتكۈسى كەلدىمىكىن... (رېژىسسورنى كۆرۈپ قالماي لېكىن، خەپ)

فىىلىمنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى ۋە سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇفىلىم 27-نويابىر قويۇلغان بولۇپ، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان نادىر فىلىم. بۇنىڭدا پاك شىنھې رولنى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى پەقەت شېرىن مۇھەببەت مەزمۇن قىلىنغان تىياتىرلاردىلا رول ئالالايدىغۇ دەپ ئويلىغانىدىم، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ رول ئېلىش ماھارىتىگە قايىل بولدۇم.


分享到: