新闻详情

جاستىن بىيبېر ھازىرغىچە بالىلىق بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى

发表时间:2020-12-09 18:03作者:alkuyi.com来源:baidu.com

بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن كانادالىق ناخشىچى جاستىن بىيبېر 2018-يىلى يازدا داڭلىق مودېل خايلى بىلەن ناھايىتى كاتتا ۋە داغدۇغىلىق توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنىدى.

مانا ھازىر ئىككەيلەننىڭ توي قىلغىنىغا ئىككى يىل بولدى، جاستىن بىيبېر بىلەن خايلى بۇرۇنقىدەكلا ھەر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھەمبەھىرلەپ تۇرىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا بۇ ئىككەيلەننىڭ ھەرخىل پائالىيەتتە ياكى كوچىلاردا بىللە يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمما تاراتقۇلار ۋە مەستانىلەر بۇ ئىككەيلەننىڭ قاچان بالىلىق بولىدىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىقماقتا.

يېقىندا جاستىن بىيبېر مەلۇم بىر پىروگراممىدا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىچىك بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىر قانچە بالىلىق بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن بەكرەك خايلىنىڭ قارارىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

جاستىن بىيبېر بۇ توغرىسىدا ياخشى ئەر بولۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان مۇكەممەل جاۋابنى بەرگەن، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بالىلىق بولۇشىمىزدا ھېچقانداق قىيىنچىلىق يوق، پەقەت خايلى ئۆزىنىڭ كەسپىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرمەكچى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتقا بولغان نىشانى تېخى تاماملانمىدى. ئۇ بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرقى باسقۇچتا بالىلىق بولۇشقا تېخى تەييارلىق قىلىپ بولالمىدى، مېنىڭچە بۇ ناھايىتى نورمال ئىش».

پروگرامما رىياسەتچىسى جاستىن بىيبېرنىڭ بۇ جاۋابىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە سىز بەك قالتىس گەپ قىلدىڭىز! مەنمۇ كۆڭلۈمدە مۇشۇ جاۋابنى كۈتىۋاتقان ئىدىم. مەن سىزنىڭ كىچىك بالىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى دادا بولىدىغانلىقىڭىزغىمۇ ئىشىنىمەن، لېكىن مېنىڭچە خايلى ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بالىلىق بولۇشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەك».

بىز جاستىن بىيبېرنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن خايلىنى ناھايىتى سۆيىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز، بۇ ئىككەيلەن ھازىر تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتىدۇ، شۇڭا بالىلىق بولۇشقا ئالدىراشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق، بىز جاستىن بىيبېرنىڭ مەستانىسى بولۇش سۈپىتىمىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە كەسپىگە ئامەت تىلەيمىز.


分享到: