新闻详情

رونالدو كۇلۇب ھاياتىدا 650 توپ كىرگۈزدى

发表时间:2020-12-09 19:21作者:alkuyi.com来源:qq.com


بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە ئۆتكۈزۈلگەن 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مۇسابىقىدە كرىستىيانو رونالدو ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشتى. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، كرىستىيانو رونالدو بۇ مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن كەسپىي ھاياتىدا يېڭى بىر ئۆتكەلگە يەتتى، ئۇ بولسىمۇ كۇلۇب ھاياتىدا 650 توپ كىرگۈزۈش ئۆتكىلى!

2020120905025645533.jpg

كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا لىسبون ئاتلېتكا (پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى)، مانچېستېر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد ۋە يۇۋېنتۇس قاتارلىق تۆت كۇلۇبتا جەمئىي 860 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 650 توپ كىرگۈزگەن، خانلىق مادرىدتا 450 توپ كىرگۈزۈپ، خانلىق مادرىدنىڭ تارىخىي مەرگەنلەر شاھىغا ئايلانغان.

كرىستىيانو رونالدونىڭ كۇلۇب ھاياتىدىكى توپ كىرگۈزۈش سانلىق مەلۇماتى:

1. پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى: 31 مەيداندا بەش توپ

2. مانچېستېر بىرلەشمىسى: 292 مەيداندا 118 توپ

3. خانلىق مادرىد: 438 مەيداندا 450 توپ

4. يۇۋېنتۇس: 99 مەيداندا 77 توپ


分享到: