新闻详情

بوۋاقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ قويغان دوختۇرخانا تۆلەم تۆلىدى

发表时间:2020-12-09 19:05

7-دېكابىر، خېنەن ئۆلكىسى كەيفېڭ شەھىرى گۇلۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر گو شىكۇەن (ياۋ سېنىڭ ئۆز دادىسى)، دۇ شىنجى (ياۋ سېنىڭ ئۆز ئاپىسى)، ياۋ سېنىڭ جاۋابكار خېنەن داشۆسى خۇەيخې دوختۇرخانىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش دېلوسى ۋە دەۋاگەر ياۋ سې جاۋابكار خېنەن داشۆسى خۇەيخې دوختۇرخانىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش دېلوسىدىن ئىبارەت ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقى ماجىراسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى دېلوغا 1-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە خېنەن داشۆسى خۇەيخې دوختۇرخانىسىغا قارىتا مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى:

گو شىكۇەن ۋە دۇ شىنجىنىڭ روھىي زىيىنى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن تەسەللى پۇلى تۆلەپ بېرىلسۇن؛

ياۋ سېنىڭ روھىي زىيىنى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن تەسەللى پۇلى تۆلەپ بېرىلسۇن؛

دۇ شىنجىنىڭ قىزىنى ئىزدەش ئۈچۈن چىقىم قىلغان قاتناش خىراجىتى ئۈچۈن 1193 يۈەن بەش مو تۆلەپ بېرىلسۇن؛

گو شىكۇەننىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلىش چىقىمى ئۈچۈن 6400 يۈەن تۆلەپ بېرىلسۇن؛

ياۋ سېنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، ئوزۇقلىنىش خىراجىتى، خىزمەتكە دەخلى قىلىش پۇلى، قاتناش خىراجىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىراجەتلىرى ئۈچۈن جەمئىي 361 مىڭ 312 يۈەن توققۇز مو تۆت پۇڭ تۆلەپ بېرىلسۇن (يۈز مىڭ يۈەننى بېرىپ بولغان، يەنە 261 مىڭ 312 يۈەن توققۇز مو تۆت پۇڭ بېرىشى كېرەك).

بۇ دېلودىكى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانداق بېكىتىلدى؟

بۇ دېلونىڭ باش سوتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گو شىكۇەن قاتارلىق ئۈچ دەۋاگەر جاۋابكار خۇەيخې دوختۇرخانىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى ماجىراسى دېلوسىدا، دوختۇرخانا كەسپىي داۋالاش مۇلازىمەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۈكسەك ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇەيخې دوختۇرخانىسى «بوۋاقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ قويۇش» ۋەقەسىنىڭ دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەنلىكىگە باشقىچە پىكىردە بولمىدى. بۇ سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ياۋ سې ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن 28 يىل ئايرىلىپ ياشىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 28 يىلدىن كېيىن ياۋ سې ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن تونۇشقان بولسىمۇ، ئۆزى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، ياۋ سې ئاتا-ئانىسى دۇ شىنجى ۋە گو شىكۇەن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن روھىي جەھەتتە ئېغىر ئازابلانغان، شۇڭا خۇەيخې دوختۇرخانىسى بۇنىڭ ئۈچۈن روھىي زىيان تۆلىمى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ياۋ سې خۇەيخې دوختۇرخانىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى ماجىراسى دېلوسىدا، خۇەيخې دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتى قېلىپلاشماسلىق، باشقۇرۇشى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كېسەللىك تارىخى ماتېرىياللىرى يىتۈپ كەتكەن. ئەسلىدىكى كەيفېڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ياۋ سېغا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋاقتىدا ئەملەنمىگەن، شۇنداقلا بالىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ قويۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان. خۇەيخې دوختۇرخانىسىدا زور خاتالىق بارلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك. لېكىن، جىگەر راكىنىڭ پەيدا بولۇشى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن سىرت، شەخسلەردىكى پەرق، تۇرمۇش كەچۈرمىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، سوت مەھكىمىسى خۇەيخې دوختۇرخانىسى ياۋ سېنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيىنىنىڭ %60 بويىچە ھەق تەلەپ تۆلىمى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن ھۆكۈم چىقىرىلدى.

ياۋ سې ۋە خېنەندىكى ئاكىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر

دېلودىكى تۆلەم سوممىسى قانداق بېكىتىلدى؟

گو شىكۇەن قاتارلىق ئۈچ دەۋاگەر شىكايەت قىلغان روھىي زىياننىڭ تەسەللى پۇلى بىر مىليون 800 مىڭ يۈەن بولۇپ، سوت مەھكىمىسى پەقەت 400 مىڭ يۈەنگە كېسىم چىقاردى. بۇ دېلوغا مەسئۇل باش سوتچى مۇنداق دېدى: سوت مەھكىمىسى دېلونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسى ۋە دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئارقىلىق، خۇەيخې دوختۇرخانىسىغا گو شىكۇەن، دۇ شىنجىغا 200 مىڭ يۈەن روھىي زىيان تەسەللى پۇلىنى تۆلەپ بېرىش ھۆكۈمى چىقاردى؛ ياۋ سېنىڭ روھىي زىيان تەسەللى پۇلىغا قارىتا، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ئامىللاردىن باشقا، يەنە ياۋ سېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە يېشى، خۇەيخې دوختۇرخانىسىنىڭ بوۋاقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ قويۇش قىلمىشىنىڭ ياۋ سې ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تولدۇرغۇسىز زىيان پەيدا قىلغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئويلاشقان ئاساستا، خۇەيخې دوختۇرخانىسىنىڭ ياۋ سېغا 200 مىڭ يۈەن روھىي زىيان تۆلەم بېرىشىنى بېكىتتى.

ياۋ سې دەۋا قىلغان خۇەيخې دوختۇرخانىسىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى ماجىراسى دېلوسىدا، ياۋ سې دەۋا قىلغان تۆلەم ھەققى 916 مىڭ 947 يۈەن سەككىز مو بىر پۇڭ. ياۋ سې بالىلىق ۋاقتىدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 305 مىڭ 508 يۈەن سەرپ بولغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن مۇناسىۋەتلىك تالونلارنى تاپشۇرالمىغان، دەلىل-ئىسپات كەمچىل، ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولمىسا، سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم بېكىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزمەيدۇ.

مەسئۇلىيەت ئايرىمىسىغا ئاساسەن، خۇەيخې دوختۇرخانىسى ياۋ سېنىڭ دەۋا تەلىپىدىكى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە دەلىل-ئىسپاتى بار 602 مىڭ 188يۈەن ئىككى مو ئۈچ پۇڭغا قارىتا، %60 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، يەنى خۇەيخې دوختۇرخانىسى ياۋ سېنىڭ تۈرلۈك خىراجەتلىرى ئۈچۈن 361 مىڭ 312 يۈەن توققۇز مو تۆت پۇڭ تۆلەم بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدىن بۇرۇن خۇەيخې دوختۇرخانىسى ياۋ سىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈز مىڭ يۈەن تۆلەم بەرگەن.

ياۋ سې ئادۋوكات قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە ۋەقەگە چېتىشلىق دوختۇرخانىدا

ياۋ سېنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى: ئالدىن ئىجرا قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، دەرھال دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك

ياۋ سې كېيىنكى قەدەمدە نارازىلىق ئەرزى سۇنامدۇ-يوق؟ ياۋ سېنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى جۇ جاۋچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋ سې «سوت مەھكىمىسىنىڭ خېنەن داشۆسى خۇەيخې دوختۇرخانىسىنىڭ ياۋ سېنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشىدا سەۋەنلىكى بار، بەلگىلىك نىسبەت بويىچە ئۇنىڭ كېيىنكى داۋالىنىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دېگەن بۇ ھۆكۈمىگە ئىنتايىن قايىل. لېكىن، نۆۋەتتە جاۋابكار خېنەن داشۆسى خۇەيخې دوختۇرخانىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغان-سۇنمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، ياۋ سې كېيىنكى قەدەمدە ھۆكۈمدىكى ئىككى تەرەپتە تالاش-تارتىش بولمىغان پۇل سوممىسى توغرىسىدا سوت مەھكىمىسىگە «ئالدىن ئىجرا قىلىش ئىلتىماسى» سۇنىدۇ.

جۇ جاۋچېڭ مۇنداق دېدى: «قارشى تەرەپ نارازىلىق ئەرزى سۇنسۇن-سۇنمىسۇن، 1-سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولسۇن-بولمىسۇن، بىز ئالدى بىلەن كېسىلى خەتەرلىك باسقۇچقا بېرىپ قالغان، داۋالىنىشقا پۇلى بولمىغاچقا ھاياتى قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان ياۋ سېنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىتىشىمىز كېرەك».

مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR


分享到: