新闻详情

كومان رېپىرنى تىللىدى: سېنىڭ ئىتالىيىدە دوستۇڭ بار

发表时间:2020-12-10 03:28作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 3:0 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسقا ئۇتتۇرۇپ، گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويدى. بارسېلونا مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپلا قالماي، ترېنېر ۋە توپچىلار يەنە باش رېپىر ستىلېرنى تىللىدى، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنىشى مۇمكىن.

ئالدى بىلەن مۇسابىقىنىڭ 27-مىنۇتىدا، ئالباغا باش رېپىر ستىلېر سېرىق كارتا بەردى. ئالبا قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا رېپېرنى ئەيىبلەپ «سەن بەك ئوسالكەنسەن، ئەبلەخ!» دېدى.

كېيىن، تېلېۋىزور ئېكرانىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قايتىش يولىدا، ئالبا رېپىردىن كەچۈرۈم سورىغان، رېپىرمۇ بۇنى قوبۇل قىلغان.

ئالبانىڭ رېپىرنى تىللىشى بەلكىم بىردەملىك ئاچچىقلىنىشتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق كوماننىڭ ئىشى ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. قارىغاندا ئۇ رېپىردىن نارازى بولىۋاتقىلى خېلى ۋاقىت بولغاچقا، بىر تىللاپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالماقچى بولغاندەك قىلىدۇ.

مۇسابىقىدىن كېيىن، كومان توپچىلىرىغا تەسەللىي بېرىپ بولۇپ، گېرمانىيىلىك رېپېر ستىلېرنىڭ يېنىغا باردى، ئاندىن ئىنگلىزچە مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ئىتالىيىدە ياخشى دوستۇڭ بار!».

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، كومان بۇ بىر ئېغىز گېپى ئۈچۈن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنكەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كومان مۇسابىقە جەريانىدا يەنە يۇۋېنتۇسنىڭ زاپاس توپچىلىرى بىلەن دېيىشىپ قالغان. يۇۋېنتۇس توپچىلىرى رېپىردىن لېڭلېتقا ئىككىنچى سېرىق كارتا بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، كومان بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق كەيىپسىزلىنىپ، يۇۋېنتۇس توپچىلىرىنى ئەيىبلىگەن.

مۇسابىقىدىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كومان مۇنداق دېدى: «ئەگەر يۇۋېنتۇس ئېرىشكەن بىرىنچى نۇقتا توپ كرىستىيانو رونالدونىڭ ئاتالمىش قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا بىزگىمۇ نۇقتا توپ كېلىشى كېرەك. چۈنكى مېسسىمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقتى».


分享到: