新闻详情

ئىنسانلار ھالاكەتكە ئەسلىدە شۇنچە يېقىنمۇ؟

发表时间:2020-12-10 10:37作者:爱酷艺来源:今日头条


سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن پەن - تېخنىكا پارتلاش خاراكتىرىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭغا 200 يىلمۇ بولمىدى . دىنازاۋۇرنىڭ 100 مىليون يىلدىن ئارتۇق ياشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئىنسانلار تېخى باشلىنىش باسقۇچىدە تۇرۋاتىدۇ 1970 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى « كورا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتا تۆشۈك تېشىش » دەپ ئاتىلىدىغان گېئولوگىيە پەن تەتقىقات پىلانىنى باشلاپ ، 1994 - يىلى خىراجەت يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بۇ تۈرنى   ئاخىرلاشتۇرغان. ئەينى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ۋاستىلىرى كولاش جەريانىدىكى بايقاشلارنى   غەلىتە خەۋەرلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ ھەر خىل   خەۋەر قىلغان ، بۇ   خەۋەردە ئېيتىلغانلار ھەقىقەت راستمۇ ؟



20201210

يەر شارىنىڭ مەركىزى زادى قانداق ؟ بىز يەر تەۋرىگەندە « يەر ئاستىدىن كەلگەن ئاۋاز » زادى نىمە ؟بىز دولقۇننىڭ ئوخشاش بولمىغان ماددىلاردىكى تېزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ، يەر شارىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۇخۇم بىلەن ئوخشاش دەپ بىكىتەلەيمىز   ، بىزنىڭ پۇتىمىزنىڭ ئاستىدىكى يەر يۈزى ئەڭ نېپىز ، تۇخۇمنىڭ شاكىلىغا ئوخشاش ، ئاران 33 كىلومېتىر ئەتراپىدا . ئوتتۇرىسى سۇيۇق ھالەتتىكى « تۇخۇم ئېقى » بولۇپ ، بىز مانتىسسا دەپ ئاتايمىز . مانتىسسادىن تۆۋەنگە 2900 كىلومېتىر ماڭغاندا « تۇخۇم سېرىقى » غا يېتىپ بارىدۇ ، سۇيۇق ھالەتتىكى تاشقى يادرو ۋە قاتتىق ھالەتتىكى ئىچكى يادرودىن تەركىب تاپقان بۇلىدۇ.ھازىر گېئولوگلار يەنە ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىگە ھۆكۈم قىلدى مەسىلەن ،يەر شارىنىڭ تاشقى قېپى   ئاساسلىقى سىلىكات تۈرىدىكى ماددىلار ، مانتىسسا تەركىبىدە رادىئوئاكتىپ ماددىلار بار ، يەر يادروسى قىسمى ئاساسلىقى تۆمۈر ، نىكېل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت

لېكىن ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ ؟ بىز بىۋاسىتە يەر مەركىزىگە قاراپ تۆشۈك تېشىپ ، تەكشۈرۈپ باقساق بولامدۇ ؟

20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم بوشلۇقىغا ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەر ئاستىنى ئىگىلەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇررغان . بۇنىڭ   ئىپادىسى   بولسا   قايسى   دۆلەت   يەر   ئاستىنىڭ ئەڭ چۇڭغۇر يىرىگە   يېتىپ   بارالايدىغانلىقىغا   قاراش . ئامېرىكا ئالىملىرى ئاۋۋال « موخو پىلانى » ناملىق تۆشۈك تېشىش تەجرىبىسىنى باشلىدى . ئۇلار يەر يۈزى نېپىزرەك بولغان تىنچ ئوكيان دېڭىز ئاستىنى تاللاپ ، تۆشۈك تېشىش ئارقىلىق يەر پوستى بىلەن مانتىسسانىڭ كېسىشىش قسمىغا يىتىپ بارغاندا بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان . ، چۈنكى ئالەم بوشلۇقى بىلەن يەر ئاستىنى كولاش   ھەقىقەتەن بەك كۆپ پۇل كۆيدۈرىدىغان پىلان ئىدى ، ھەتتا پۇلدار ئامېرىكىمۇ   بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن   ، ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرىدا يەر ئاستىنى كولاشتىن   ۋاز كېچىپ ، مەخسۇس ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشنى تەتقىق قىلغان .

بۇنىڭ ئەكسىچە ، سوۋېتلىكلەر يەر ئاستىدا 20 نەچچە يىل تۈشۈك   چىڭ تۇرغان ، بۇ پىلان بىزنى يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى توغىرىسدا تېخىمۇ كۆپ تونۇشقا ئىگە قىلدى . سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى دېڭىز ئاستىدا تۆشۈك كولاشنى تاللىماستىن   ، بەلكى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدىكى كورا يېرىم ئارىلى پېچېنگا رايونىنى تاللىغان ، بۇ يەرنىڭ يەر پوستى   بىر قەدەر قېلىن ، لىكىن   ئۇزاق مۇددەتلىك مۇزلۇقنىڭ يالىشى ئاستىدا ،   بۇ يەرنىڭ يەر پوستى تېخىمۇ ئاجىز ،   تۆشۈك تېشىشكە   تېخىمۇ قۇلايلىق   . 20 نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىسىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر تۆشۈك كورا دەرىجىدىن تاشقىرى تۆشۈكنى تەشكەن بولۇپ ، چوڭقۇرلۇقى 12262 مېتىرغا يېتىدۇ

    لېكىن بۇنداق چوڭقۇرلۇقتا كولاش ئۈنچە ئاسان ئەمەس . بۇرغا ھەر ۋاقىت تاش بىلەن سوقۇلۇپ تۇرىدۇ ، گەرچە بۇرغا ئۇچى ئەڭ مۇستەھكەم ماتېرىيالدىن ياسالغان بولسىمۇ ،لىكىن بىر نەچچە كۈنمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . بۇنىڭ ئىېىچىدىكى   ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق شۇكى ، يەر ئاستىدىكى يۇقىرى بېسىم ۋە ℃ 250 تىن ئېشىپ كەتكەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا . بۇ چوڭقۇرلۇقتا تاغ جىنسلىرى ئېرىپ سۇيۇقلۇققا ئايلنىدۇ ، مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇلار ئاخىرى   بىر قىسىم زور بايقاشلارغا ئېرىشكەن . مەسىلەن ، ئىلگىرى گېئولوگلار يەر ئاستىدىكى 3000 ~ 6000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ گرانىت تاشتىن بازالىتقا ئۆزگەرگەنلىكىنى پەرەز قىلغان ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىغان ، يەر ئاستىدىكى 10 مىڭ مېتىر كېلىدىغان جايدىكى تاغ جىنسلىرى يەنىلا گرانىت تاش ئىكەنلىكىى ئىنىقلانغان   . ئۇلار يەنە يەر ئاستىغا ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ، جەمئىي 24 خىل لەيلىمە جانلىقلارنىڭ تاشقاتمىسى بايقىغان

无标题.jpg

    دەل مۇشۇ بايقاشلار بولغاچقا 2012 - يىلى ئەنگلىيە ، ئامېرىكا ، ياپونىيە ۋە گېرمانىيە ئالىملىرى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە 10 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىلگىرى ئۈزۈلۈپ قالغان   «   موخو پىلانى » نى قايتىدىن ئېچىشنى پىلانلاپ   ، داۋاملىق يەر يۈزىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى گېئولوگىيە ۋە جانلىقلار تەتقىقاتى ئېلىپ بارماقچى بولغان

    لېكىن ، بۇ بەلكىم ئىنسانلارغا بىر مەيدان بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئەگەر بىز ئەڭ ئاخىرىدا مانتىسسا قاتلىمىغىچە تېشىپ كىرسەك خەتەرلىك بولامدۇ ؟

    بىز بىلىمىز ، يەر ئاستىدا « يەر مەركەزگە ساياھەت خاتىرىسى » دە بايان قىلىنغان تارىختىن بۇرۇنقى غەلىتە مەخلۇق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ، شۇنداقلا ئالدىنقى قىسىمدا سۆزلەنگەن   سېرلىق « كىرىش ئېغىزى » مۇ مەۋجۇت ئەمەس . لېكىن مانتىسسادا زور مىقداردىكى رادىئوئاكتىپ ماددىلار بار ، ئەگەر بۇ ماددىلار يەر يۈزىگە چىقىپ كەتسە ، ئۇلارنىڭ زىيىنى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭكىدىن قىلىشمايدىغۇ دەيمەن

     بەلكىم موخو پىلانىنى توختىتىشىمىز كىرەكتۇ   . كورا ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بۇرغىلاپ تۆشۈك تېشىشنى توختىتىشمۇ   توغرا تاللاش ھېسابلىنىشى مومكىن

يۇقۇملۇق كىسەل

سىز ئۇرۇشقا   مۇناسىۋەتلىك   نۇرغۇن ھېكايىلەر ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە مۇنداق بىر خىل رەزىل قورال - بىئو - خىمىيەلىك قورالنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن . بىرىنجى دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە   نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنداق   قوراللارنى ئىشلەتكەن

    ئەمەلىيەتتە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1200 - يىللاردىلا شىبېيدىكى خىتتىتلار ئۆزىنىڭ ۋابا بىلەن يۇقۇملانغان   جەسىتىنى دۈشمەن تەرەپنىڭ يىرىگە   تاشلاپ قۇيۇپ   ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ   ۋابا بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 14 - ئەسىردە موڭغۇل قوشۇنى ياۋروپادا ھەدەپ كېڭەيگەن ، ئۇلار چۇما كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى دۈشمەن تەرەپكە   ئاپىرىپ تاشلىغان   ، چۇما شۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل ياۋروپاغا يامرىغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادا تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك چۇما يۇقۇمى يۈز بەرگەن ، ئۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىدا ، ئاز دېگەندە 25 مىليون ياۋروپالىق قازا قىلغان

无标题.jpg

    يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگەندە بىئوخىمىيىلىك قوراللارنىڭ تۈرى تېخىمۇ كۆپەيدى ، ھۇجۇم ئوبيېكتى ئادەملا ئەمەس بەلكى   ئاشلىق ۋە چارۋا ماللارنىمۇ   ئۆز ئىچىگە ئالغان ،سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ئامېرىكا پاراشوك پۈركۈگۈچ بىلەن جۇڭگو ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا شال ۋاباسى تارقاتقان . بۇ خىل كېسەللىك شال ۋاباسىنى پەيدا قىلىپ ، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئازايتىدۇ

    كالا ۋاباسى بولسا بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك . ئۇ كالا ، قوي ، بۇغا قاتارلىق كۆشىگۈچى ھايۋانلاردا تارقىلىدۇ ،   بۇ خىل ۋېروستا يۇقۇملانغان ھايۋانلاردا قىزىش ، ھەزىم قىلىش يولى ياللۇغلىنىش ، شاتراق ئۇرۇش   قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئاخىرىدا ھايۋانلار سۇسىزلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ . 18 - ئەسىردە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن كالا ۋاباسى يۇقۇمى   ئاخىرىدا فىرانسىيەدە ئاچارچىلىق پەيدا قىلغان ،19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق كالا ۋاباسى % 80 - % 90 كالا توپى ئۆلگەن

    كالا ۋاباسى ۋىرۇسىنىڭ بىيولوگىيەلىك قورال قىلىپ ئىشلىتىلىش تارىخىمۇ   تېخىمۇ ئۇززاق   . 13 - ئەسىردە چىڭگىزخان ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغاندا ، كالا پادىلىرىغا كالا ۋاباسى يۇقۇپ قالغان . ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، دۈشمەننىڭ كالا توپىمۇ ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچراپ ، ئاخىرىدا مەغلۇپ بولغان . بەلكىم بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن ئىلھام ئالغان بولۇشى مۇمكىن ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كالا ۋاباسى ۋىرۇسىنى يوشۇرۇن بىئوخىمىيىلىك قورال سۈپىتىدە تەتقىق قىلغان ،

شۇنداقلا رەقىبىگە زەربە بەرمەكچى بولغان .

    ھازىر ئالىملار   بىر نەچچە خىل ۋىرۇسنى ئاساسى جەھەتتىن يۇقاتتى   ، مەسىلەن ، چېچەك ۋىرۇسى ۋە يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى تەبىئەت دۇنياسىدا بۇ ۋىرۇسلار يوق دېيەرلىك. لېكىن بەزى ئەسەبىي ئالىملار تەجرىبىخانىدا بۇ ۋىرۇسلارنى بىرىكتۈردى . ئامېرىكا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شىشى شۆبە مەكتىپىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى خىمىيەلىك بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر خىل سۈنئىي يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنى بىرىكتۈرگەن . ئۇلار توردىن يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپى خەرىتىسىنى تېپىپ ، ئاتلاس بويىچە مۇكەممەل ۋىرۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققان   ، ئاخىرىدا ، بىر خىل خىمىيەلىك ئارىلاشمىنى قوشۇپ بىرىكمە ۋىرۇس گېنىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ، تىرىك يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنى .ياساپ چىققان . ئۇلار يەنە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق باشقا ۋىرۇسلارنى بىرىكتۈرگىلى بولىدۇ ، دەپ جار سالغان

分享到: