新闻详情

گوگۇل يانفۇنى ئاشكارلاندى

发表时间:2020-12-10 14:03作者:爱酷艺来源:تور دۇنياسى


9-ئاينىڭ 30-كۈنى گۇگول ئاخىرى ئاندرويىد 11 سىستېمىسى قاچىلانغان Pixel 5 يانفونىنى ئېلان قىلدى، باھاسى 699 دوللار (تەخمىنەن 4750 يۈەن)، ئەمما ئالدىنقى بىر ئەۋلاد Pixel 4كە سېلىشتۇرغاندا سەپلىمىسىدىكى ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، يەنە كېلىپ پەقەت Pixel 5 مۇشۇ بىرلا يانفون تىپى بازارغا سېلىنغان، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش Pixel 5 XLنى چىقارمىدى، قىسقىسى، ئابۇنتلارنىڭ تاللاش بوشلۇقى بەك كىچىك. لېكىن، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى Pixel 5 يۈرۈشلۈكىدە يۇقىرى سەپلىمىلىك Pixel 5 Pro يانفونى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

Slashleaks ئىسىملىك ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى يېقىندا گۇگول Pixel 5 Pro يانفونىنىڭ ئەمەلىي سۈرەتلىرىنى تورغا چىقىرىپ، بۇ يانفوننىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى.

ئاشكارىلانغان سۈرەتكە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى گۇگول Pixel 5 Pro يانفونىغا 6.67 ديۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن، ئالدى تەرىپىدە كامېرا تۆشۈكى ياكى ماڭلاي يوق، قارىغاندا ئېكران ئاستى كامېرا ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىر تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئېكران ئاستى كامېرا ئورنىتىلغان يانفوندىن پەقەت جوڭشىڭ AXON 20 5Gلا بار، شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇگول AXON 20 5G يانفونىغا راستىنلا ئېكران ئاستى كامېرا ئورنىتىلغان-ئورنىتىلمىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەلىللەش كېرەك.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا سناپدراگون 865 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ، 256GB ساقلاش بوشلۇقى، تۆت دانە كەينى كامېرا سەپلەنگەن.


分享到: